نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 3947 قېتىم كۈرۈلدى
ئوباما جۇڭگونىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -18
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : news.xinhuanet.com

 

www.alhux.com

 

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا جۇڭگو تەرەپنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، تەتۈرلۈك قىلىپ، زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىنى كۈنتەرتىپكە قويدى. جۇڭگو تەرەپ جىددىي مەسلىھەتلىشىش ئېلىپ بېرىپ، بۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلىكى ھەمدە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىزاڭ ئىشلىرى بولسا جۇڭگونىڭ ئىچكى سىياسىتىگە قاراشلىق ئىشلاردۇر. دالاي لاما بولسا ئۇزۇندىن بۇيان دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، جۇڭخۇانى پارچىلاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىياسىي سەرگەنداندۇر. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى ئېنىقلا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق. جۇڭگو تەنتەنە بىلەن شىزاڭنىڭ تىنچلىق ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، دالاي لاما ئاقساراينىڭ ئەزىز مېھمىنىغا ئايلاندى. بۇ شىزاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ھېسسىياتىغا زىيانكەشلىك قىلغانلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگىمۇ بەلگىلىك زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شىزاڭ مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك زىل مەسىلە، جۇڭگونىڭ پرىنسىپاللىق مەيدانى ناھايىتى روشەن، بۇندىن كېيىنمۇ بىپەرۋالىق قىلمايدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قارشى تۇرۇش ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقتەك خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزان ۋە توغرا تارىخىي قاراش ئارقىلىق قوغداشتىن ئىبارەت.
شىزاڭنى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىش، دېموكراتىك ئىسلاھات بولسا ئامېرىكىنىڭ نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش، ياۋروپانىڭ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش، ئىرقىي كەمسىتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى داۋامىدىكى ئۇلۇغۋار تارىخىي ئىشىدۇر. تارىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىنسان ھوقۇقىنى تونۇيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دالاي لاماغا بىر ئورۇن بەلگىلەپ بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دالاي لامانىڭ «باشقىلارنى جەلپ قىلىدىغان كۈلۈمسىرەش»ى ۋە ئاتالمىش «تىنچلىق مۇكاپاتى» تاجىغا مەستانە بولدى. ھەتتا ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۇنى ئۇچۇرۇپ «پانىي دۇنيادىكى بۇددا» دەپ ئاتىغان ۋاقىتتا، ئۇ قانداقراق تارىخىي قاراشنى ئىپادىلىدى؟ ئاساسىي ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت زادى نەگە كەتتى؟
بىز يەنە گېرمانىيىنىڭ ئالدىنقى بىر نۆۋەت زۇڭلىسى شمىتنىڭ سۆھبىتىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى:«بىز ھەقىقەتەن تىلاۋەت ۋە كۈلۈمسىرەش بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان بۇ بوۋايغا قايىل بولدۇق، ئۇنىڭ ئالدىدا تەنقىدىي خاراكتېرلىك مۇلاھىزىدىن ۋاز كەچتۇق. ئەگەر بىز تارىخقا ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولساق، دالاي لاما شىزاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتتا، شىزاڭ يانچىلىق تۈزۈمى ھالىتىدە تۇراتتى. بۇ تۈزۈم 50 يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تازىلاندى. ئەگەر بىز شىزاڭ مەسىلىسىدە پەقەت دالاي لامانىڭ كۈلۈمسىرىشىنىلا كۆرىدىغان بولساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز شىزاڭنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن سىمۋولى بولۇپ قالىدۇ، ھەرگىزمۇ شىزاڭنىڭ ئۆزى بولمايدۇ».
1991-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلىرى دالاي لاما بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ كەلدى.
دالاي لامانىڭ ئەسلى ئىسمى لامۇ دېڭجۇ بولۇپ، 1940-يىلى 14-نۆۋەتلىك دالاي لامالىققا تەيىنلەنگەنىدى. 1959-يىلى 3-ئايدا، دالاي لاما قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەن ھەمدە ئۇ جايدا «شىزاڭ قاچاق ھۆكۈمىتى» نى تەشكىللىگەن. ئۇزۇن يىللاردىن بىرى، دالاي لاما دىن گۈرزىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، تۈرلۈك ۋەتەننى پارچىلاش ۋە شىزاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.

 

 
 
 
 www.anadiyar.cn
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش