نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 2095 قېتىم كۈرۈلدى
چېن جىلى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -13
  • يوللىغۇچى : مۇرادىل
  • مەنبەسى :

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چېن جىلى 7-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ شىنجاڭدا مۇھىت بايلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت قوغداش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىنىپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن مۇھىت بايلىقىنىڭ ئۆزئارا ياخشى ئايلىنىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن جىلى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ كۆكتوقاي، غۇلجا، كورلا، خوتەن قاتارلىق جايلاردا كان بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، يايلاق ئېكولوگىيەسىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى، نېفىت تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، قۇملۇق تاش يولى ئىھاتە ئورمىنى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگىچە دېھقانچىلىق ئېكولوگىيە باغچىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

چېن جىلى مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىقتىسادى تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش ۋە مۇھىت قوغداش ئوخشاشلا مۇھىم. پەن-تېخنىكا ۋاستىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش كېرەك. ئىلمىي پىلانلاش، بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش بولۇپمۇ ئىستراتېگىيەلىك بايلىق قوغداش ۋە ئېچىشتىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك. بايلىقنى ئېچىش ئارقىلىق شۇ يەردىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ ھەمدە بايلىق تۈگىگەندىن كېيىنكى تەرەققىياتى مەسىلىسىنى پىلانلاپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش