نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1073 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيە كوماندىسى سۈرىيە كوماندىسىنى ئۇتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :



   14–يانۋار سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن 2011–يىللىق قاتار ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 2–ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ B گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىسىدە ياپونىيە كوماندىسى 2 دە 1 نەتىجە بىلەن سۈرىيە كوماندىسىنى ئۇتتى .

    ياپونىيە كوماندىىسى ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە ئۆزىدىن ئاجىز بولغان ئىئوردانىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغانلىقتىن ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنى ناھايتى مۇھىم دەپ قاراپ ، مۇداپىيە ۋە ھۇجۇمغا تەڭ ئەھمىيەت بەردى . سۈرىيە كوماندىىسمۇ ئالدىنقى ئايلانمىدا 3 نۆۋەت ئاسىيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى ئۇتقانلىقتىن ، ئۆزىنى ياپونىيە كوماندىسىدىن ئاجىز ھېسابلىماي بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇم تەشكىللىدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 35 مىنۇت بولغاندا ، ياپونىيە كوماندىسىدىكى 17–نۇمۇرلۇق ماھىرى ماكوتو بىر توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقنىڭ قاتمال ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى . شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە تېخىمۇ كەسكىن ھالەتكە كىردى ، 70 –مىنۇتىغا كەلگەندە سۈرىيە كوماندىسى بىر نوقتا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان سۈرىيە ماھىرى خادىبۇ بۇ توپنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1 دە 1 تەڭلەشتۈردى  . ئەمما 80–مىنۇتىغا كەلگەندە ياپونىيە كوماندىسىدىكى داڭلىق ماھىر خوندا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2 دە1 گە ئۆزگەرتتى . ياپونىيە كوماندىسى مۇشۇ نەتىجىنى مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە ساقلاپ قېلىپ ، مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى .
 


 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش