رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1111 قېتىم كۈرۈلدى
باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماڭ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -06
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.xjtsnews.com

 

www.alhux.com 

سېغىزخان ئۇۋا ياساپتۇ.قوشنىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىپتۇ.
 

قۇشقاچ:«ناھايىتى چىرايلىق بوپتۇ،بىراق ئوت-چۆپنى بەك قېلىن يېيىۋىتىپسىز»دەپتۇ.
 

شاتۇتى:«ئۆيىڭىز ناھايىتى پۇختا بوپتۇ.تاش بىلەن يەنە ئازراق پۇختىلىۋەتسىڭىز،تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ»دەپتۇ.
 

قاغا:« ئۆيىڭىز ناھايىتى ئسسىق بوپتۇ.بىراق ئۆيىڭىزنى بۇيىل مودا بولۇۋاتقان قارا رەڭدە سىرلىۋەتسىڭىز،ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ»دەپتۇ.
 

سېغىزخان ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرۈپتۇ.
 

قىش كەلگەندە،سېغىزخان ئۇۋىسىدا توڭلاپ ھېچ ياتالماپتۇ.ھەتتا سوغۇق شامال كەلگەندە كىچىك تاشلار بوشىشىپ سېغىزخاننىڭ پۇتىنى يارلانۇرۇپتۇ.تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇقى شۇكى،كىچىك بالىلار سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشىتىپ ئارام بەرمەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن سېغىزخان ئامالسىز يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
 

ھېكمەت: باشقىلارنىلا ئويلاش تۇرمۇشنى قالايماقانلاشتۇرىۋىتىدۇ.سىز مۇستەقىل بۇلىشىڭىز،باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماسلىقىڭىز ئۈچۈن تەپەككۈر قىلىش بىلەن مۆلچەرلەشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك.

 

 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203