چېن بىڭدې ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى
- يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -12
- يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
- مەنبەسى :
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
ئۇكرائىنادە زىيارەتتە بولىۋاتقان مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال پولكوۋنىك چېن بىڭدې 11-ئاۋغۇست ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلەر باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال پولكوۋنىك پېگچىنكو بىلەن كۆرۈشتى.
پېگچىنكو مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا ئىناقلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت، گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىۋىتى ناھايىتى دوستانە، ئالاقىلىشىش كەلگۈسى پارلاق. چېن بىڭدېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇكرائىنادە زىيارەتتە بولۇشى، ئۇكرائىنا بۇنىڭغا زور ئەھمىيەت بەردى، ھەم بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشەنچىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ