چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوگۇل شېركىتى بۈگۈن ITA دېتالىنى سېتىۋېلىش سودىسىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۆتكەن جۈمە كۈنى گوگۇل شېركىتى بىلوگىدا، 700 مىلىيون دوللارلىق بۇ سودىنىڭ پات يېقىندا ئاياقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، تۈنۈگۈن گوگۇل شېركىتى بلوگ ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاپ «بىز ITA نى سېتىۋېلىشنى تاماملىدۇق» دېدى.
ITA ساياھەت ئىزدەش شېركىتى بولۇپ، Kayak、TripAdvisor ھەمدە بىيىڭ (必应) قاتارلىقلارنى ئاۋىئاتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئىلگىرى گوگۇل شېركىتى ITA نى سېتىۋالسا ساياھەت ئىزدەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، بىراق ئۆتكەن جۈمە كۈنى گوگۇل شېركىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن كېلىشەلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. گوگۇل مۇنداق دېدى:« ITA نى داۋاملىق ھالدا نورمال تىجارەت قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇلتۇر 7- ئايدا بىز ITA بىلەن تۈزگەن بارلىق توختامنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرگەن.»
گوگۇل شېركىتى بلوگدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۈگۈن بىز رەسمىي ۋەدە بېرىمىزكە، ITA نىڭ خېرىدارلىرى 2016- يىلىدىن بۇرۇن ، ئادىل بولۇش، مۇ ۋاپىق بولۇش ۋە كەمسىتىلمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ITA QPX دېتالىنىڭ ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشەلەيدۇ. بىز يەنە شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى، ITA نىڭ تېخنىكىسى يەنە باشقا ساياھەت تور بېكەتلىرىنىمۇ تەمىنلىيەلەيۇ.»
بۇنىڭدىن بۇرۇن ساياھەت ئىزدەش رايونىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى Kayak بىلەن بىيىڭ (必应) غا ئوخشاش FairSearch.org ئىتتىپاقىنى قۇرغان بولۇپ، گوگۇلنىڭ ITA نى سېتىۋېلىشىغا توسالغۇ بولۇشنى مەقسەت قىلغان. بىراق FairSearch.org ئىتتىپاقى گوگۇل شېركىتى بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كېلىشىەلىگەنلىكىدىن ئىنتايىن رازى بولغاندەكمۇ قىلغان.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776