52 ياشلىق ئەر دادىسنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتتى
- يوللانغان ۋاقىت : 2011-05 -27
- يوللىغۇچى : ئالىمجان
- مەنبەسى :
50 نەچچە ياشقا كىرگەن ئادەمگە، ئۆزىنى بېقىش تەس كەلگەندە ياشانغانلارنى بېقىش ئېغىر كەلدىمۇ قانداق، 80 نەچچە ياشقا كىرگەن دادىسى بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەپ قويغانلىق بىلەن، پىچاق كۆتۈرۈپ ئۆلتۈرۋەتكەن. قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايەت گۇماندارى يۆ شۇچىن يېقىندا لونەن ناھىيلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلاندى.
لونەن ناھىيىسى ۋېيدوڭ بازىرى شىڭيۆ كەنتىدە تۇرۇشلۇق يۆ شۇچىن بۇ يىل 52 ياش بولۇپ، ئۆيىدە 80 نەچچە ياشلىق ياشانغان دادىسى بار. كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يۆ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس بولسىمۇ، بىراق ئۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشنى خالىمايدىكەن، پەقەت ئايالى سىرتتا ئىشلەپ ئۆيىنى باقىدىكەن. تاماقنى ياشانغان ئانىسى ئۆزى ئېتىپ يەيدىكەن، پۇل خەجلەش ئۈچۈن بوۋاينىڭ ئازراق ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا تايىىنىدىكەن. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ، ئۇ تۇرمۇشتا قىسىلىپ قالغانلىق سەۋەبلىك، 82 ياشلىق دادىسى بىلەن جىدەللىشىپ قالغان. شۇ كۈنى ئەتىگەن، ئۇ يەنە دادىسىغا «ئۇنى ئۆلتۈرۈپلا تۈگەشسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى» دېگەن. دادىسى ئەيىبلەپ نەسىھەت قىلغان، يۆ شۇچىن دادىسىنىڭ سۆزلىرىدىن رەنجىپ، ياغاچ كالتەك بىلەن ياشانغان دادىسىنى ئۇرغان، ۋە يەنە پىچاق كۆتۈرۈپ، دادىسىنى بىر نەچچىنى چېپىۋەتكەن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولغاندا، كەنتتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىنغان. لونەندىكى ساقچىلار تېز سۈرئەتتە جىنايەت گۇماندارى يۆ شۇچىننى قولغا ئالغان.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ