نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 5135 قېتىم كۈرۈلدى
ب د ت باش كاتىپى «قۇرئان كۆيدۈرۈش» كە قارشى تۇردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-04 -06
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون

ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون يېقىندا ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن «قۇرئان كۆيدۈرۈش» ۋەقەسىنى ئەيىپلەپ، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلغان.
ب د ت باش كاتىپى بايانات ئىشخانىسى تارقاتقان خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن، بان كىمون 5-ئاپرېل نيۇ يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا ئىسلام تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، قۇرئان كۆيدۈرۈش ۋەقەسىنى ئەيىپلەپ، ھەر قانداق بىر دىن بۇ خىل قىلمىشقا قاراپ تۇرالمايدۇ، بىز پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ۋە دىن ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش ۋە كەڭ قورساقلىق قىلىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك، دىگەن.
ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى شەھەر مازاردا 1-ئاپرېل قۇرئان كۆيدۈرۈش ۋەقەسىگە قارشى نامايىش ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە نەپەر ب د ت خەلقئارالىق خىزمەتچى خادىمى ۋە 4 نەپەر نامايىشچى قازا قىلغان. 2-، 3-ئاپرېل كۈنلىرى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر قەنداغاردا ئۇدا ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلىپ، توقۇنۇش پەيدا قىلغان، ھەمدە 11 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، 120 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش