رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 2652 قېتىم كۈرۈلدى
كوستارىكا ئىتالىيەنى بوغۇزلىۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-06 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :



 

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:00 دا، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى د گۇرۇپپا ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىتالىيە بىلەن كوستارىكا ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى. برىيان رۇيىز مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپنى كىرگۈزۈپ ئىتالىيەنى بوغۇزلىۋەتتى. كوستارىكا تۇنجى ئايلانمىدا ئۈچ نومۇرغا ئېرىشكەنلىكتىن، بۇ مەيدان تەڭلشىلا گۇرۇپپىدىن چىقىشتىن ئۈمىد تۇغۇلاتتى. شۇڭا كوستارىكا 541 سەپ شەكىلى چىقارغان بولۇپ، مۇداپىئەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئىتالىيە كوماندىسىدىن بۇففۇن ساقىيىپ مەيدانغا چۈشتى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىدىغان مىنۇتلاردا 44-مىنۇتتا كوستارىكا كوماندىسىدىن برىيان رۇيىز توپ ئۇردى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان كوستارىكا 1-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشىپ مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا ئىتالىيە كوماندىسى بالدۇرلا ئادەم ئالماشتۇرۇپ كۆپ تەڭشەش ئېلىپ بارغان ۋە ھۇجۇمنى كۈچەتكەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى تۇتالمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا كوستارىكا كوماندىسى برىيان رىيۇزنىڭ مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن بىردىنبىر توپىغا تايىنىپ غەلبە قىلىپ، ئۈچ نومۇرغا ئېرىشىپ ھالاكەت گۇررۇپىسى دەپ ئاتالغان د گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىقتى.
ئىتالىيە كوماندىسى كېيىنكى ئايلانما ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىلەن ھايات-ماماتلىق مۇسابىقە ئويناش تەقدىرىگە دۇچ كەلدى. 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى توپىۇمارلارغا ئۈزلۈكسىز كىشى ئويلىمىغان نەتىجىلەرنى سوۋغا قىلدى. ھالاكەت گۇرۇپپىسىدا ئاجىز دەپ قارالغان كوستارىكا ئىتالىيەنى بوغۇزلاپ گۇرۇپپىدىن تۇنجى بولۇپ چىقتى ھەم شۇنداقلا ئېنگىلاندقا ئايروپىلان بېلىتى سوۋغا قىلدى.
ئېنگىلاند ئىسپانىيە، ئاۋىسترالىيە، كامېروندىن كىيىنكى تۆتىنچىگۇرۇپپىدىن بالدۇرلا شاللىنىپ ئايروپىلان بېلىتى زاكاس قىلغان دۆلەت بولدى.

 

 

 
 
 
 



























      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203