رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1506 قېتىم كۈرۈلدى
شىرئەلىجان يەنە دۆلەت كوماندىسىغا قايتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-06 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

جىڭخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىڭبودا يىغىپ مەشىقلىنىۋاتقان جۇڭگو ئەرلەر كوماندىسى 18-چېسلا كوماندا ئەزالىرى تىزىملىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. ۋاڭ جې لىن بىلەن شىرئەلىجان دۆلەت كوماندىسى سېپىگە قوشۇلدى. شەندۇڭلۇق ئىچكى سەپ توپچى تاۋ خەن لىن دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا كىردى.
بۇندىن بۇرۇن جۇڭگو كوماندىسى يۈننەن ۋە سىچۈەنلەردە مەشقلىنىۋاتقان مەزگىلدە ۋاڭ جې لىن ئەسلىگە قايتىش مەشىقى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ۋاڭ جې لىن يېڭى دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىرمۇ مەيدان مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ باقمىدى. شىرئەلىجانمۇ يارىدارلىق تۈپەيلى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالمىدى. شەرئەلىجان دۆلەت كوماندىسىنىڭ سىچۈەنگە بېرىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە كوماندىغا قايتقان بولۇپ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا بەدەن سالامەتلىكى دېگەندىكىدەك ياخشى بولمىغاچقا، شىرئەلىجاننىڭ تەلتۆكۈس ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن گوڭ لۇ مىن ئۇنى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا قايتىپ ئەسلىگە قايتىش مەشىقىنى قوبۇل قىلىشىنى ئېيتتى، بىر مەزگىل مەشقنى قوبۇل قىلىشتىن كېيىن تەلتۆكۈس ئەسلىگە كەلگەن شىرئەلىجان يەنە دۆلەت كوماندىسىغا قايتتى.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203