رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 4101 قېتىم كۈرۈلدى
روسىيىدە ئاياللارنىڭ 5 سانتىدىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشىنى چەكلەش تەكلىپى غۇلغۇلا قوزغىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-06 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

ئامېرىكا ياخۇ خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا روسىيىنىڭ بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئاياللارنىڭ بەش سانتىمېتىردىن يۇقىرى بولغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، Oleg Mikheyev ئىسىملىك بۇ پارلامېنت ئەزاسى كىشىلەرنىڭ پۇتىغا كىيىدىغان ئايىغىنىڭ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2~4 سانتىمېتىرغىچە بولغان مۇۋاپىق بولىدىغان بولۇپ، بەش سانتىمېتىردىن يۇقىرى بولغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى چەكلەش تەكلىپ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
Oleg Mikheyev ئىسىملىك بۇ پارلامېنت ئەزاسى ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھىسنىڭ مەقسىتى بولسا روسىيە ئاياللىرىنى قوغداش بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ مايماق پۇت ۋە تۈز تاپان پۇت قاتارلىق كېسەللىكلەردىن يىراق تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ تەكلىپ لايىھىسى ئەرلەرگىمۇ ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ لايىھىسىدە پاشنىسىز ئاياغلارنىڭمۇ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بۇ پارلامېنت ئەزاسىنىڭ يۇقارقى تەكلىپ لايىھىسى پارلامېنتقا سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر نەچچە ئايال خىزمەتدىشى ئاللىقاچان ئۇنىڭ بىلەن گەپلەشمەيدىغان بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پارلامنېت ئەزاسىنىڭ يۇقارقى تەكلىپ لايىھىسى ھەقىقەتەن ماس كەلمەيدىغان تەكلىپ بولۇپ، ناۋادا بۇ تەكلىپ لايىھە پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپلا قالسا، نۇرغۇنلىغان روسىيىلىك ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ ئېتىراز بىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203