رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 725 قېتىم كۈرۈلدى
فىرانسىيەدە كونا نۇسخىدىكى يانفونلار قايتىدىن مودا بولۇشقا باشلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيەلىكلەرنىڭ يانفونغا بولغان تاللىشىدا «كونىلىققا قايتىش» ھادىسىسى پەيدا بولغان. كونا نۇسخىدىكى يانفونلارنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددىي، ئۆزى پۇختا ۋە چىدامچان بولغاچقا، فىرانسىيەلىك ئىستېمالچىلارنىڭ قايتىدىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئىگەللىنىشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن، كونا شەكىلدىكى يانفونلارنى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردىكى ئىقتىدارلارنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ بىرىشى، ئىكرانىنىڭ چوڭىيىشى شۇنداقلا زەرەتلەش قېتىم سانىنىڭ ئارتىپ كېتىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇنلىغان ئىستېمالچىلار ئەينى چاغلاردىكى ئىقتىدارى ئاددىي، قولايلىق شۇنداقلا پۇختا ياسالغان ئاشۇ ئەقلىي ئىقتىدارسىز يانفونلارنى قايتىدىن سېغىنىشقا باشلىغان.
فىرانسىيەدىكى كونا نۇسخىدىكى يانفونلار مەخسۇس سېتىش تور بېكىتى «Vintage Mobile» نىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ دىيىشىچە، كونا نۇسخىدىكى يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى 2013-يىلىدىن باشلاپ تۇيۇقسىز ئېشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، سېتىۋالغۇچىلارنىڭ پەقەت قىسقا ئۇچۇر يوللاش ۋە تېلفون ئۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككىلا خىل ئىقتىدارغا ئىگە يانفونلارغا بولغان ئېھتىياجى ھەسسىلەپ ئاشقان. قىسمەن تىپتىكى يانفونلارنىڭ سېتىلىش باھاسى ھەتتا 1000 ياۋرو (خەلق پۇلىغا 8400 يۈەن) دىن ئېشىپ كەتكەن.
فىرانسىيەدىكى داڭلىق خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى مۇتەخەسىسى دامىئىننىڭ دىيىشىچە، كونا نۇسخىدىكى يانفون ئىشلىتىش فىرانسىيەدە يېڭىچە مودىغا ئايلانغان. بىر قىسىم ئىستېمالچىلار ياش ۋاقىتلىرىدا سېتىۋىلىشنى ئارزۇ قىلغان ئەمما سېتىۋالالمىغان كونا نۇسخىدىكى يانفونلارنى ئىشلىتىپ بېقىشنى ئويلىسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۈگۈنكى «ھەممە يەرنى تور قاپلاپ كەتكەن» تۇرمۇشتىن بىزار بولۇشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەكسىچە يول تۇتۇپ، ئەڭ ئاساسىي ئىقتىدارغا ئىگە يانفونلارنى ئىشلىتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا يېڭىچە يول تۇتۇش تەرەپدارلىرى بولۇپ، ئۇلار كونا نۇسخىدىكى يانفونلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلماقچى بولغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203