رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1389 قېتىم كۈرۈلدى
بېيجىڭدا يوشۇرۇنچە زەھەر ساتقان چەتئەللىكلەر قولغا چۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

يېقىندا، جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى شەھەر ئاھالىسىنىڭ سەنلىتۈن ئەتراپىدا بىر چەتئەللىك ئەر زەھەر ئەتكەس قىلغانلىق توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. مۇخبىر يوشۇرۇنچە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق چەتئەللىك ئەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، سەنلىتۈنگە قاراپ ماڭغان. نەق مەيداندا «سودىلاشقان»دىن كېيىن، يەنە بىر چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىسىمۇ ئۆزلىكىدىن مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىپ، زەھىرىنى داڭلىغان. رەسىم: 5-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار جىنايەت گۇماندارىنى بويسۇندۇرماقتا.


2014-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتى رازۋېتكا چوڭ ئەترىتى رازۋېتكا ۋە قولغا ئېلىش ھەركىتى ئېلىپ باردى. تۆت كۈن ئىچىدە، مۇخبىرنىڭ ساقچى تەرەپكە ماسلىشىپ قولغا چۈشۈرگەن ئىككى نەپەر زەھەر ئېلىپ يۈرگەن چەتئەللىكتىن سىرت، بىر قولغا ئېلىنغان «زەھەر چەككۈچى» ساقچىلارغا ياردىمىدە تۆت نەپەر چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىسى قولغا چۈشكەن، يەنە رازۋېتكا قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بۇ قېتىمقى ھەركەتتە جەمئىي بەش نەپەر چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىسى، ئۈچ نەپەر زەھەر ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە توققۇز نەپەر زەھەر چەككۈچى قولغا ئېلىنغان. رەسىمدە جىنايەت گۇماندارى ساقچىلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلماقتا.



مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەنلىتۈن ئەتراپىدا دائىم بىر چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىسى پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، بەزىدە زەھەر چەككۈچىلەر بىلەن ئايرىم ئالاقىلاشقاندىن كېيىن سودىلىشىدىكەن، بەزىدە بىۋاستە كوچىدا لاغايلاپ، زەھەر چەككۈچىلەرنى ساقلاپ تۇرىدىكەن.  رەسىم: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر، پۇقراچە كېيىنگەن ساقچىلار جىنايەت گۇماندارى ئولتۇرغا كىرا ماشىنىسى ئىچىدە بىر بولاق زەھەر بايقىغان.


چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىسى ئوقۇغۇچى ياكى مۇساپىر سىياقىدا جۇڭگو ۋىزىسىغا ئېرىشىپ، جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن ئوقۇشقا ياكى خىزمەتكە بارماستىن، بەلكى باشقا يەرلىك كىشىلەر بىلەن زەھەر ئەتكەسچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. زەھەر ئەتكەسچىسى قولغا ئېلىنىپ، دۆلىتىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، قىسمەن زەھەر ئەتكەسچىسى سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، يەنە ئوخشاش سەۋەب بىلەن جۇڭگو ۋىزىسىغا ئېرىشىپ، جۇڭگوغا قايتا كېلىپ زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. رەسىم: 5-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەر، زەھەر ئەتكەسچىسى كىرا ماشىنىسىدىن چۈشۈپ قاچقاندىن كېيىن بويسۇندۇرۇلغان.

ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارىنى ئېلىپ ماڭماقتا.


جىنايەت گۇماندارى ئېلىپ يۈرگەن زەھەر ئورمانلىققا تاشلىۋېتىلگەن بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىك تاماكا قېپىغا يوشۇرۇلغان.


بىر نەپەر جىنايەت گۇماندارى بىنا ئالدىدا بويسۇندۇرۇلماقتا.


5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە، داشىڭدىكى بىر ھويلىدا تۆت نەپەر ئەر زەھەر چېكىۋاتقاندا قولغا چۈشكەن.


زەھەرلىك چېكىملىك تاماكا قېپىغا يوشۇرۇلغان.


جىنايەت گۇماندارى بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇ تۇرغان ئۆينى تەكشۈرمەكتە.


جىنايەت گۇماندارى ئېمىزگۈ بوتۇلكىدىن پايدىلىنىپ ياسىغان زەھەر چېكىدىغان «مۇز چەينەك».


نەق مەيداندا 30 گرامدىن كۆپرەك زەھەر تەكشۈرۈپ قولغا چۈشكەن.


جىنايەت گۇماندارى ئۆيىدە بايقالغان پارتلاتقۇچ بۇيۇملار.


جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆيىدىن بىر قىسىم تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق قوراللار ۋە كويزا قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن.


جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆيىدىن بىر قىسىم تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق قوراللار ۋە كويزا قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن.


نەق مەيداندا كارىۋات ئاستىدىن زەھەر بايقالغان.


جىنايەت گۇماندارى تاختا كومپيۇتېردا تارتقان تاپانچا رەسىمى


جىنايەت گۇماندارى تاختا كومپيۇتېردا تارتقان تاپانچا رەسىمى


جىنايەت گۇماندارى تېلېفونىدا تارتقان ئۆزىنىڭ زەھەر چەككەن ھالىتى


زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ كىچىك تەرەت تەكشۈرۈشىدە مۇسبىيلىق ئىپادىلەنگەن


كوچىدا يوشۇرۇن زىيارەت بىلەن قىلغان زەھەر سودىسى نەق مەيدانى


زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئۈندىدار ئارقىلىق سودىلىشىش ئۇچۇرىنى جەزىملەشتۈرگەن
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203