رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 310 قېتىم كۈرۈلدى
پۈتۈنلەي يېڭى كورۋېت Z06 ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسى نيۇيوركتا ئاشكارلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 (دۇنيا تورى ئۇنۋېرسال خەۋىرى) ئەنگلىيە ئاپتوموبىل ژورنىلى autocar نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە ئاساسەن، شۆفۇلەن يېقىندا پۈتۈنلەي يېڭى كورۋېت Z06 ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان، بۇ ئاپتوموبىل تۇنجى بولۇپ بۇ ھەپتىدىكى نيۇيورك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە چىقىدىكەن.


 

يېڭى نۇسخا Z06 ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلى كورۋېت ئائىلىسىنىڭ ئەڭ زامانىۋىي، ئەڭ يادرولۇق كۈچىگە ئىگە ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلى دەپ قارالغان، بىراق ئۇ Z06 نىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ئاپتوموبىل ئۈستى يۇمشاق بولغان ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلى ئەمەس. 1963-يىلى، Z06 كورۋېت ئائىلىسىگە ۋەكىل بولۇپ چىدام مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 199 دانىسى ئۇزۇن مۇساپىلىك مۇسابىقىگە مۇۋاپىق كەلگەن، بىراق بىرسى ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىل، 50 يىلدىن كېيىن يېڭى نۇسخا ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسى بارلىققا كەلگەن.
 


 

يېڭى نۇسخا Z06 ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسى بىلەن Z06 بەيگە پىكاپىنى سېلىشتۇرغاندا ئوخشىمايدىغان يەرلىرى ناھايىتى ئاز. Z06 بەيگە پىكاپى نۇسخىسى 2014-يىلنىڭ باشلىرىدا دېترويىت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە چىققان. كورۋېت C7 نىڭ ئاليومىن قېتىشمىلىق تەڭلىكى C6 Z06 غا سېلىشتۇرغاندا %20 يېقىن مۇستەھكەم. شۇڭلاشقا قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز؛ ئۇنىڭدىن سىرت، ئىككى نۇسخا ئاپتوموبىلنىڭ ئاپتوموبىل ئېغىرلىقى ئوخشىشىپ قالىدۇ، ئوخشاشلا تەڭلىكىنى تەڭشەش ئىقتىدارى بار.
 


 

يېڭى ئاپتوموبىل قوللانغىنى مىچىلىن Sport Cup2 بالونى، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى يەرنى قاماللاش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تورمۇز جەھەتتىن ساپال كاربون تورمۇزلىشىنى قوللانغان. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتىن، پۈتۈنلەي يېڭى Z06 ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسىغا 6.2 لېتىرلىق V8 مىخانىكىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتۇر سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى ئاز دېگەندىمۇ 625 ئات كۈچى. بەيگە پىكاپى نۇسخىسىغا ئوخشاش، سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچىنىڭ تاللىشى يەتتە سۈرئەتلىك قولدا ئۆزگەرتىدىغان سۈرئەت ئۆزگەتكۈچ ۋە سەككىز سۈرئەتلىك ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، Z06 يەنە ئۈچ خىل ئايرودىنامىكا يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
يېڭى نۇسخا Z06 نىڭ توكتا قوزغىلىدىغان ئاپتوموبىل ئۈستىنى سائەتلىك تېزلىكى 50km/h دىن تۆۋەن بولغان ۋاقىتتا تېزگىنەك ئاچقۇچ ئارقىلىق ئېچىش ۋە يېپىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارالايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە كورۋېتنىڭ " ئاقما سىزىق شەكىل " لىق سىرتقى قىسمىنى داۋاملاشتۇرغان، ئاپتوموبىل گەۋدىسى چىرايلىق كۆك رەڭدە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەيدەش كاپىنكىسى ئورنىنىڭ كەينى تەرىپىمۇ ئوخشاش رەڭنى قوللانغان بولۇپ، ئىچكى ۋە تاشقى قىسمى بىردەكلىككە ئىگە. كەينى ئايلانما يانتۇ تاختىسى بولمىغانلىقتىن، مۇزلاتقۇچنىڭ ھاۋا كىرىش ئېغىزى ئاپتوموبىلنىڭ ئاستى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۆلچەملىك كورۋېتقا ئوخشاش، Z06 پەقەت سول تەرەپتە ھەيدەش نۇسخىسىنى تەمىنلىگەن. مەلۇم بولىشىچە، Z06 بەيگە پىكاپ نۇسخىسى بۇ يىل 12-ئايدا ئامېرىكا بازىرىغا چىقماقچى، Z06 ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسى كېلەر يىلى ئەنگلىيەدە چەكلىك مىقداردا سېتىلىشقا باشلايدۇ.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203