رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 4243 قېتىم كۈرۈلدى
داڭلىق رەسىمنى ئوغرىلاپ كەتكەن ئامېرىكىلىق ئوغرى خىجىللىقىدىن ئىگىسىگە تۆلەم تۆلەپ بەردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-06 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

ئامېرىكىدا چىقىرىلىدىغان ‹ نىيۇيورك كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى› نىڭ 6-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتىدىكى بىر رېستۇرانغا ئېسىلغان داڭلىق رەسىم ئوغرىلاپ كېتىلگەن بولۇپ، كېيىن رەسىمنىڭ ئىگىسى توردا ئوغرىغا ‹نەسىھەت خېتى› يازغاندىن كېيىن، ئوغرى بۇ خەتتىن تەسىرلەنگەن. كېيىن بۇ ئوغرى رەسىمنى يوقۇتۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، تۆلەم تەرىقىسىدە رەسىمنىڭ ئىگىسىگە 500 ئامېرىكا دوللىرى پۇل ئەۋەتىپ بەرگەن.
ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ داڭلىق رەسىم بولسا شۇ يەردىكى جادنا ئىسىملىك رەسسامنىڭ The Raven II ناملىق ئەسىرى بولۇپ، بۇ رەسىم 6-ئاينىڭ 9-كۈنى كۆرگەزمە قىلىنغاندىن كېيىن، McMillan مەيخانىسىنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويۇلغانكەن.
ئارقىدىن بۇ رەسىم مەيخانىدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن بولۇپ، بۇ پۈتكۈل جەرياننىڭ ھەممىسى مەيخانىغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش ئاپپاراتى تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىلىپ خاتىرىلىنىپ قالغانىكەن، رەسىم ئوغرىلاپ كېتىلگەندىن كېيىن، مەيخانىنىڭ خوجايىنى كىرىستېنسىن ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىش يولىنى تاللىماي بەلكى مەزكۇر مەيخانىنىڭ نامىدا ئەنگە ئالدۇرۇلغان فەيىسبۇك تور بېتىدە ئوغرىغا مۇنداق خەت يېزىپ ئېلان قىلغان:‹ قەدىرلىك ئوغرى، ئەگەر سىلەر بۇ ئوغرىلانغان رەسىمنى شەخىسلەرنىڭ ساقلىشىغا قارىغاندا، ئاممىۋى سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا كۆرگەزمە قويۇلۇشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ دەپ قارىغان بولساڭلا، سىلەر بىزگە نىسبەتەن ئەزىز مېھمان بولۇپ ھېسابلىنىسىلەر. مېنىڭچە سىلەر بۇ رەسىمنىڭ سېتىلىدىغانلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر، چۈنكى رەسسام سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئەمگەك مېۋىسى قاتارىدا سېتىلىپ ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىشى لازىم. بۇ رەسىمنى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرۈپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، شۇڭلاشقا مەن بۇ رەسىمنى كىشىلەرنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئاممىۋى سورۇنغا ئېسىپ قويغانىدىم›.
دۇكان خوجايىنىنىڭ بۇ بىر پارچە خېتى فەيىسبۇك تورىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا توردا غۇلغۇلا قوزغاپ كەتكەن بولۇپ، 16-چېسلاغا قەدەر، بۇ خەتكە فەيىسبۇك تورى 4500 ئادەم قېتىم قوللاش ئۇچۇرى يوللىغان، شۇنداقلا 8100 ئادەم قېتىم ھەمبەھىرلىنىپ باشقىلارغا تارقاتقان. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ رەسىمنى ئوغرىلىغان ئوغرىنىڭ شېرىكىمۇ فەيىسبۇك تورىدا بۇخەتنى كۆرۈپ قالغان ھەم ‹ ئۆزلۈكىدىن گۇناھىنى ئىقرار قىلغان›.
ئوغرىنىڭ شېرىكى ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇ رەسىمنى ئوغرىلاپ چىققاندىن كېيىن بىر دەرەخكە ئېسىپ قويغانلىقىنى، كېيىن بۇ رەسىمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇلار يەنە بۇ رەسىمنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئىگىسىگە 500 ئامېرىكا دوللىرى ئەۋەتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىنى تولۇقلىغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203