رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 2534 قېتىم كۈرۈلدى
فرانسىيە يۇقىرى نومۇر پەرقتە شىۋىتسارىيەنى مەغلۇپ قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-06 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :



 

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:00 ( برازىلىيە ۋاقتى 20-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن 4:00)دە، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئې گۇرۇپپا ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى سالۋادور شەھىرىدىكى يېڭى سۇ مەنبەسى تەنتەربىيە مەيدانىدا فرانسىيە بىلەن شىۋىتسارىيە ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى. فرانسىيە 5-2 نەتىجە بىلەن شىۋىتسارىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۈچ نومۇرغا ئېرىشىپ مۇدەتتىن بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقتى. فرانسىيە كوماندىسى گوللاندىيە، چىلى، كولومبىيە، كوستارىكادىن كېيىنكى بەشىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىققۇچى كوماندا بولدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ جەمئىي يەتتە توپ كىرگۈزۈپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا يەككە مەيدان توپ كىرىش رىكورتىنى يېڭىلىدى.

مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى: فرانسىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن توپى 100 دىن ئاشتى. 17-مىنۇتتا گىرود كاللا توپ كىرگۈزدى. بۇ توپ فرانسىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى 100- توپى بولدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بۇ نۆەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمەسلىك بارلىققا كەلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى 250- مەيدان ياۋروپا كوماندىلىرىنىڭ ئۇچىرىشىشى بولدى.

 


ئىككى كوماندا تارىختا 36 قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، فرانسىيە 15 مەيدان غەلبە قىلىپ، توققۇز مەيدان تەڭلىشىپ، 12 مەيدان ئۇتتۇرغان. ئىككى كوماندا ئەڭ يېقىندا 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇچىراشقان. 2006- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىككى كوماندا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 0-0 تەڭلىشىپ بىللە گۇرۇپپىدىن چىققان. 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىمۇ ئىككى كوماندا بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئوخشاشلا مېھمان ساھىبخان ئىككىلا مەيدان تەڭلەشكەن.

مۇسابىقە باشلىنىپ 17-مىنۇتتا مەسىيۈ ۋالبۇئېنا ئو تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ باشلاپ پاس بەردى، گىرود چەكلەنگەن رايون ئوتتۇرىدىن كاللا توپ ئۇردى. فرانسىيە كوماندىسى 1-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
گىرود فرانسىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى 100- توپنى كىرگۈزدى.
18-مىنۇتتا بەھرامى بۇرۇلغاندا توپنى تارتقۇزۇپ قويدى، بېنزىما بۆسۈپ كىرىپ توپ بۆلۈپ بەردى، ماتۇيدى توپ ئۇردى. فرانسىيە 2-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
19-مىنۇتتا فرانسىيە كوماندىسى ئىختىيارى توپ باشلىدى، بېنزىما كاللا توپ ئۇردى، ئەمما رېپىر ئورۇن ھالقىغان توپ ھۆكۈم قىلىپ، توپنى ئىناۋەتسىز ھېسابلىدى.
26-مىنۇتتا ئىنلېر چەكلەنگەن رايوندا بوشلۇقتىن ۋارتاغا تەپتى، توپ قاقڭىپ چەكلەنگەن رايون ئوڭ تەرەپكە چۈشتى، زاكا توپ ئۇردى، بىراق رېپىر ئوخشاشلا ئورۇندىن ھالقىغان توپ ھۆكۈم قىلىپ، توپنى ئىناۋەتسىز ھېسابلىدى.
31-مىنۇتتا بېنزىما چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىردى، شىۋىتسارىيە بېكى يىقىتىۋەتتى، باش رېپىر نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى. بېنزىما تەپكەن نۇقتا توپنى بېناگىلو توسىۋالدى.
40-مىنۇتتا شىۋىتسارىيە بۇلۇڭ توپ باشلىدى، فرانسىيە كوماندىسى توپنى تارتىۋېلىپ، تېزلىكتە ئالدى مەيدانغا ئۇزۇن پاس تاشلىدى، گىرود قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ چەكلەنگەن رايون سول تەرەپتىن پاس بەردى، مەسىيۈ ۋالبۇئېنا توپ ئۇردى. فرانسىيە 3-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە فرانسىيە 3-0 شىۋىتسارىيە نەتىجە بىلەن فرانسىيە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىپ ئاياقلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 67-مىنۇتتا بوگبا ئوڭ تەرەپتىن پاس تاشلىدى، سېندوروس توپنى چىقىرۋېتەلمەي خاتالىق سادىر قىلدى، بېنزىما بوشلۇقتىن توپ ئۇرۇپ نومۇر پەرقىنى 4-0 گە چوڭايتتى.
73-مىنۇتتا بېنزىما ئوتتۇرىدىن ئوڭ تەرەپكە توپ بۆلۈپ بەردى، سېسكو توپقا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ، توپنى كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى 5-0 گە چوڭايتتى.
81-مىنۇتتا بلەرىم جېمەيلى 30 مېتىر يىراقتىن ئىختىيارى توپنى بىۋاستە كىرگۈزۈپ شىۋىتسارىيە بىر توپ قايتۇرىۋالدى.
87-مىنۇتتا ئىنلېر ئوتتۇرىدىن چەكلەنگەن رايونغا پاس تاشلىدى، شاكا ئورۇن ھالقىشقا قارشى بۆسۈپ كىرىپ توپ ئۇردى.
93-مىنۇتتا سېسكو ئوڭ تەرەپتىن پاس بەردى، بېنزىما توپ ئۇردى، ئەمما باش رېپىر ئاللىقاچان مۇسابىقە ئاياقلىشىش پۈشتىكى چېلىۋەتكەنلىكتىن، بۇ توپ ئىناۋەتسىز قىلىندى.
ئەڭ ئاخىرىدا فرانسىيە 5-2 نەتىجە بىلەن شىۋىتسارىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۈچ نومۇرغا ئېرىشىپ مۇدەتتىن بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىققان بەشىنچى كوماندا بولدى.






















      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203