رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 7178 قېتىم كۈرۈلدى
تەخمىنەن 500 مىڭ تايلاندلىق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپتۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-06 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: «مەركىزى ئاگېنتلىق» نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تايلاند ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 19-ئىيۇن كۆرسىتىشىچە، تايلاندتا تەخمىنەن 500 مىڭ كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) دىن يۇقۇملانغان بولۇپ، بىراق بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت %50 كىشىلا ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن ھەمدە داۋالاشنى قوبۇل قىلغان.
 


 

ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ناروڭ.ساخامېتاپات (Narong Sahametapat) ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولغان تايلاندلىقلارنى قان تەكشۈرتۈشىنى ، ھەمدە نەتىجىسىنى بىلگەن ھامان، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويىشىدىن ساقلىنىشىنى، شۇنداقلا داۋالاشنى قوبۇل قىلىشغا كىرىشىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.


 

ناروڭ: «ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىكى ھەريىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دوختۇرخانىلاردا مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان ئىككى قېتىملىق ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ مۇلازىمەتلەر بولسا مەسلىھەت سوراش، تەكشۈرۈش، داۋالاش قاتارلىقلار» دېدى.

ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىكى يەنە 1-ئىيۇلنى تەكشۈرۈش كۈنىگە ئىختىيارىي يېتەكچىلىك قىلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىدىغانلىقىنى، ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ كېسەللىكنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭمۇ بۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى، تىغ ئۇچىنى بۇرۇنقى ياكى ھازىرقى ئاشۇ خەۋپ يەتكۈزۈشچانلىقى بار، زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئۇرىدىغان ۋە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتمىگەنلەرگە قارىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203