رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 520 قېتىم كۈرۈلدى
ئوغلىنى پىكاپقا يەتتە سائەت سولاپ قويۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئامېرىكىلىق ئەر سوتقا تارتىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-06 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : look.huanqiu.com

ئامېرىكا بىلوگ خەۋەر تور بېكىتى-gawker.com نىڭ 6-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ جورجىيە شىتاتى مارىئېتتا شەھىرىدىكى 33 ياشلىق ئەر-جاستىن.روس. خاررىس (Justin•Ross•Hariss) بىر قېتىم ماشىنا ھەيدەپ ئاتلانتا شەھىرىگە خىزمەتكە بارغاندا، ئۆزىنىڭ 22 ئايلىق بولغان ئوغلىنى شىركەت يەسلىسىگە ئاپىرىپ بەرمەي ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە ئۇنتۇپ قالغان. يەتتە سائەتتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنلا، ئۇ ئوغلىنىڭ ماشىنا ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئوغلى ئاللىقاچان نەپەس يېتىشمەي ئۆلۈپ قالغانىدى، يېقىندا، بۇ ئەر قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
نەق مەيداندا ھەممە ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچى-Dale Hamilton نىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا جاستىن ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئوغلىغا قارىتا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ يەنە قۇتقۇزۇش ماشىنىسىمۇ چاقىرغان. لېكىن دوختۇرلار يەنىلا بۇ بالىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان بولۇپ، بۇ گۇۋاھچىمۇ ئەينى چاغدا بالىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان.
نەق مەيداندا ھەممە ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يەنە بىر گۇۋاھچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئەر ئۆز قىلمىشىدىن ناھايىتى قاتتىق پۇشايمان قىلغان بولۇپ، ئۇ توختىماي:‹ مەن زادى نېمە قىلىپ قويدۇم؟ مەن ئۆز ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتىمەن› دەپ ۋارقىرىغان. دوختۇرلار نەق مەيداندا بالىغا نىسبەتەن يۈرەك قوزغىتىش ئوپراتسىيىسى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بالا قايتا كۆزىنى ئاچالمىغان بولۇپ، دوختۇرلار نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ ئىش يۈز بەرگەن كۈنى ئاتلانتا شەھىرىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 33 سېلىتسىيە گىرادۇسقا چىققان بولۇپ، بۇ بالا كىچىككىنە كەلگەن ماشىنا ئىچىدە ئىسسىق ھەم دىمىقتا قىينىلىپ ئۆلۈپ قالغانكەن، جاستىن ئىسىملىك بۇ ئەرنىڭ بىپەرۋالىق قىلمىشى ھەقىقەتەن بالىغا نىسبەتەن ئېغىر رەھىمسىزلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203