رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 311 قېتىم كۈرۈلدى
كورىيە سامسۇڭ SDS سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە ئوت كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.cnbeta.com

بۈگۈن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى سامسۇڭ شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرى، تاختا كومپىيوتېرلىرى شۇنداقلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىۋىزورلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىر ئاز خاتا ئۇچۇرلار كۆرۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى سامسۇڭ مەھسۇلاتى ئابونتلىرى بۈگۈن سامسۇڭ قوللىنىش ئەپ پىروگرامما سۇپىسىنى زىيارەت قىلالماي قالدى. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولسا بۈگۈن سامسۇڭ گوچۇەندىكى سامسۇڭ SDS سانلىق مەلۇمات مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكتىن بولغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى دەسلىپىدە مەزكۇر بىنانىڭ 4-قەۋىتىدە يۈز بەرگەن، كېيى ئوت ئاپىتى تېز سۈرئەتتە يامراپ ناھايىتى تېزلا بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگىچە يامراپ كەتكەن. بىنا سىرتىغا جايلاشقان تورۇبىلارغا ئوت كېتىش بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا نەچچە سائەتلىك تور توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال پۈتۈن دۇنيادىكى سامسۇڭ مەھسۇلاتلىرى ئابونتلىرىنىڭ ئەپ پىروگرامما سۇپىسىنى زىيارەت قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۈگۈنكى ئوت ئاپىتى يەنە سامسۇڭ شىركىتى تەرەپ تور بېكىتىنىمۇ ۋاقىتلىق زىيارەت قىلغىلى بولماسلىقتەك ئەھۋالنى پەيدا قىلغان. لېكىن بۈگۈن كەچ سائەت 6 دىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەن چاغدا، سامسۇڭ شىركىتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئارقىدىنلا سامسۇڭ تور بېكىتى ۋە ئەپ پىروگرامما سۇپىسىنى زىيارەت قىلغىلى بولماسلىق كاشىلىسىمۇ ھەل قىلىنغان. تۆۋەندىكى رەسىملەر بولسا بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئوت كەتكەن نەقمەيداندىن تارتىلغان رەسىملەر.



      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203