رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 77 قېتىم كۈرۈلدى
شىياۋمى بۇ يىللىق يانفون سېتىش مىقدارىنى 80 مىليونغا يەتكۈزۈشنى نىشانلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

تەيۋەندىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كەسپى ساھەدە تارقالغان ئۇچۇرلاردا شىياۋمى شىركىتى بۇ يىل ئىچىدە 80 مىليون دانە يانفون سېتىپ چىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە سېزىمچان ئىكران ۋە كونتىرول تاختىسى تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن زاكاز مىقدارىنى كۆپەيتىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
شىياۋمى شىركىتى ئەڭ دەسلەپ بۇ يىل ئىچىدە 40 مىليون دانە يانفون سېتىپ چىقىرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ساننى 60 مىليونغا كۆتۈرگەن. ئەمدىلىكتە بولسا، مال بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپتىن زاكاز مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ يىللىق مال چىقىرىش نىشانىنى 80 مىليونغا يەتكۈزمەكچى بولغان. جۇڭگو بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نەزەرگە ئالغاندا، شىياۋمى شىركىتى 2015-يىلى ئىچىدە يانفون سېتىش مىقدارىنى 160 مىليونغا يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇچۇردا دىيىلىشىچە، شىياۋمى شىركىتىنىڭ بۇ يىل بىرىنچى پەسىللىك يانفون سېتىش ئەھۋالى ناھايىتى مۇقىم بولغان. شىياۋمىنىڭ تۆۋەن باھالىق مەھسۇلاتلارنى تېزلىتىپ سېتىشنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، شىركەتنىڭ بۇ يىل ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى پەسىللىك يانفون سېتىش مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.
شىياۋمى يانفونلىرىغا نۆۋەتتە ئاساسىي ئېقىم بولۇۋاتقان OGS تولۇق چاپلىما تېخنىكسى قوللىنىلغان بولغاچقا، شېڭخۇا تېخنىكىسى ۋە ئوۋفېگۇاڭ قاتارلىق سېزىمچان تاختا ياسىغۇچى كارخانىلارمۇ شىياۋمى يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالىدىكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203