رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 154 قېتىم كۈرۈلدى
Chrome تور كۆرگۈچىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -19
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :


ئىجتىمائىي ئالاقە تىپىدىكى ئورتاقلىشىش سۇپىسى Shareaholic بۈگۈن تور كۆرگۈچ دېتاللىرىنىڭ ئەڭ يېڭى بازار ئىگەللەش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆتكەن سەككىز ئاي ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ تىپتىكى تور كۆرگۈچلەرنىڭ بازار ئۈلۈشىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. Chrome تور كۆرگۈچىسى كومپىيۇتېر ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى ئىشلىتىلىش مىقدارى جەھەتتە يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان . ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگىنى«ئوت تۈلكىسى» تور كۆرگۈچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بازار ئۈلۈشى ئەسلىدىكى ئىككىنچى ئورۇندىن بىراقلا تۆتىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، يەنى Safari ۋە IE نىڭ كەينىدە تۇرغان.
ئىگەللىنىشىچە، 2013-يىلى9-ئايدىن 2014-يىلى 4-ئايغىچە، Chrome تور كۆرگۈچىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئىگەللىگەن بازار ئۈلۈشى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىغان، يەنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %34.68 ۋە %34.65 بولغان. بىراق، Chrome تور كۆرگۈچىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى «ئوت تۈلكىسى»، Safari ۋە IE قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. «ئوت تۈلكىسى» تور كۆرگۈچىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى %4.66 تۆۋەنلىگەن، Safari نىڭ %0.96 تۆۋەنلىگەن، IE نىڭ بولسا %3.13 تۆۋەنلىگەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203