رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 311 قېتىم كۈرۈلدى
مېكسىكىدا زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئېتىشىپ 14 ئادەم ئۆلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : gb.cri.cn

AFP نىڭ 30-ئاپرېل خەۋىرى، مېكسىكا ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 29-ئاپرېل مېكسىكا تاماۋلىپاس(Tamaulipas) شتاتىنىڭ رېينوسا(Reynosa) شەھىرىدە كۆپ قېتىم زەھەر ئەتكەسچىلىرى ۋە ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، 14 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تاماۋلىپاس(Tamaulipas) شىتاتى چىقارغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 14 نەپەر ئۆلگۈچىنىڭ ئىچىدە ئونى زەھەر ئەتكەسچىسى، ئىككىسى ئادەتتىكى پۇقرا، ئىككىسى ساقچى ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر كىچىك قىزچاقمۇ يارىلانغان بولۇپ ھازىر ئەھۋالى تۇراقلىق ئىكەن. ئاخباراتقا قارىغاندا، 29-ئاپرىلنىڭ ئۆزىدە رېينوسا(Reynosa) شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىرىنچى قېتىملىق قوراللىق ئېتىشىش قاق چۈشتە يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ئولتۇراق رايونى ئىچىدە بىر قانچىلىغان «دېڭىز قولتۇقى كاتىر» زەھەر ئەتكەس گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى شۇ يەردە كوچا چارىلاۋاتقان ساقچىلارغا ئوق چىقارغان، بۇ قېتىملىق قوراللىق توقۇنۇشتا ئىككى ساقچى ئۆلۈپ كەتكەن. ئارقىدىن، ئىككى خەلق ئاھالىسى ماشىنا ھەيدەپ شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئەتكەسچىلەر چىقارغان ئوق تېگىپ كېتىپ نەق مەيداندا قازا قىلغان.
«دېڭىز قولتۇقى كاتىر» زەھەر ئەتكەس گۇرۇھىنىڭ يېقىندىن بۇيان قىلغان ھەرىكەتلىرى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئاپرېلنىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە بولغان بۇ ئۈچ كۈن ۋاقىت ئىچىدە، مەزكۇر گۇرۇھ ئىچىدە ئۈچ كاتتا بېشى تۇتۇلغانلىق سەۋەبىدىن ئىچكى مالىمانچىلىق پەيدا بولۇپ، 28 ئادەم ئۆلگەن. ئاپرېلنىڭ 18-كۈنى، مېكسىكىنىڭ بىر دانە دېڭىز ئارمىيە تىك ئۇچار ئايروپىلانى شۇ قوراللىق گۇرۇھنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، لېكىن ھېچقانداق ئەسكەر ئۆلمىگەن، ھۇجۇم قىلغانلار ئىچىدىكى ئۈچ ئادەم ئارمىيە تەرەپتىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203