رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 309 قېتىم كۈرۈلدى
گۇگېل كۆرۈش سېزىمى ئۇچۇرلىرىنى تەرجىمە قىلالايدىغان ئەپ دېتالىنى سېتىۋالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -19
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
گۇگېل شىركىتى جۈمە كۈنى Quest Visual نامىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئەپلىرىنى ئېچىش شىركىتىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، مەزكۇر شىركەت لايىھەلىگەن Word Lens ناملىق ئەپ دېتالى يانفون كامېراسى ۋە ئارقا سۇپىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى يېزىقلارنى تەرجىمە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
Quest Visual شىركىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان بايانات دوكلاتىدا دىيىلىشىچە، بۇ شىركەت ئوتتۇرىغا چىقارغان تەرجىمە تېخنىكىسى كەلگۈسىدە گۇگېل تەرجىمە مۇلازىمىتىگە قوشۇلىدىكەن، بۇ ئارقىلىق Word Lens نىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن تىل-يېزىقلارنى قوللىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. ئۇندىن باشقا، كەسپى ساھەدىكى قوللىغۇچىلىرىغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، بۇ شىركەت يەنە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئەپ ۋە تىل بولىقىنى ۋاقىتلىق ھەقسىز چۈشۈرۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىكەن.
Word Lens 2010 دېتالى 2010-يىلى ئالما ئەپ دۇكىنى App Store غا قوشۇلغان بولۇپ، ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، بىراق، ئۇنىڭغا كىرەكلىك ئايرىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەق تۆلەشكە توغرا كىلىدىكەن. مەزكۇر ئەپ يىقىندا ئالما شىركىتى ئىشلىتىگەن ئايفون ھەققىدىكى «Powerful» ناملىق تەشۋىقات ئېلانىدا نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بىراق، گۇگېل شىركىتىمۇ iOS سۇپىسىغا قارىتا كۆپلىگەن ئەپلەرنى ئېلان قىلغان بولغاچقا، Quest Visual نى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كىيىن، Word Lens دېتالى ئالما ئەپ دۇكىنىدىن چىقىرىۋېتىلمەسلىكى مۇمكىن.
Word Lens ئەپ دېتالى نۆۋەتتە گۇگېل كۆزەينىكىگىمۇ سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كۆرۈش سېزىمى ئۇچۇرلىرىنى دەل ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، بۇ ئىقتىدارنىڭ رولى يەنە گۇگېل ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقارغان Google Goggles بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىكەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر قوشۇۋىلىش سودىسىنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئانچە ئېنىق ئەمەس، قوشۇۋېلىش باھاسىمۇ ئاشكارىلانمىغان ئىكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203