رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 115 قېتىم كۈرۈلدى
news.163.com
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :



 

شىئەن شەھەرلىك تەيخۇا ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جىن ئەپەندىم ئاپىسى ھايات ۋاقتىدا بانكىغا ئامانەتكە قويغان 480 سوم پۇلنى چىقىرىۋېلىشتا، ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا پۇلنى چىقىرىۋالالمايلا قالماستىن بەلكى ئاۋال 1000 سوم سەرپ قىلىشتەك قىيىن ئىشقا ئۇچىرىغان.
جىن ئەپەندىنىڭ ئانىسى قازا قىلغىلى ئاللىقاچان ئون يىل بولغان، بۇ مەزگىلدە جىن ئەپەندى ئىزچىل ئانىسى ئۆلۈپ كىتىشتىن ئىلگىرىكى ئۆيدە ئولتۇرغان. ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۇ ئۆي يۇغۇشتۇرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر بانكا ئامانەت تالونىنى بايقىغان. ئېچىپ قارىسا، ئانىسى ھايات ۋاقتىدا شىئەن شەھەرلىك سودا سانائەت بانكىسىغا (ھازىرقى نامى شىئەن بانكىسى) 480 يۈەن ئامانەت قويغان.
جىن ئەپەندى ئايرىم -ئايرىم ھالدا سۇجۇ، شىنجاڭ ۋە شىئەندىكى بەش قېرىندىشىغا بۇ ئىشنى ئۇقتۇرۇپ تېلفۇن قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئالتە ئۇرۇق-تۇققان بىرلىككە كىلىپ، پۇل كۆپ بولمىغانلىقتىن، جىن ئەپەندى ئارلىقى ئەڭ يېقىن بولغانلىقتىن،ئۇنىڭ پۇلنى چىقىرىۋېلىشنى ئېيتقان.
ئەمما ئىش ئالتە قېرىنداش ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي بولمىغان. تۈنۈگۈن جىن ئەپەندى ئامانەت تالونىنى ئېلىپ شىئەن بانكىسىغا پۇلنى چىقىرۋالغىلى بارغان ۋاقىتتا، ئاۋال قالدى بەش ئۇرۇق تۇققان« مىراس ھوقۇقىدىن ۋاز كىچىش باياناتنامىسى» نى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش كىرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
جىن ئەپەندى شىئەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئورنىغا تېلفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ سۇجۇ، شىنجاڭدا ئىكەنلىكىنى، قانداق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىم بۇ مىراس پۇلىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغان قالدى بەش ئۇرۇق تۇققاننىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق يەردىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئورنىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن شىئەنگە ئەۋەتىپ بېرىشنى، ھەربىر ئادەم ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ھەققىگە 200 يۈەن تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنداق ھېسابلاپ كەلگەندە، 480 يۈەن ئامانەتنى چىقىرۋېلىش ئۈچۈن جىن ئەپەندى ئاۋال 1000 يۈەن سەرپ قىلىشقا توغرا كەلگەن.
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىم ئامانەت پۇلنىڭ 480 يۈەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ پۇلىغا لايىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. تۈنۈگۈن مۇخبىر شىئەن شەھىرىدىكى ئالتە بانكىغا تېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرگەن،480 يۈەننى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن 1000 يۈەن سەرپ قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ دەپ بانكا تەرەپنىڭ ھەممىسى بۇ پۇلنى چىقىرىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشنى ئېيتقان. ئەڭ ئاخىرىدا جىن ئەپەندى ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئامانەت پۇلىنى ئېلىشتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان.

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203