رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1109 قېتىم كۈرۈلدى
شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

‹‹1-ماي›› ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 30-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچىلەرگە بايراملىق سالام يوللىدى

شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى: ‹‹1-ماي›› ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچىلەرگە بايراملىق سالام يوللىدى.

30-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنەڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ 10-نومۇرلۇق بىناسىنىڭ كۆرۈشۈش زالىغا كېلىپ، شىنجاڭدىكى 28 نەپەر ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىللە خاتىرە سۈرەكە چۈشتى. ئاندى ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

سۆھبەتتە، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىلى، قوراللىق ساقچى شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جۇاڭ شىخۇا بىلەن ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىلى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام قاتارلىقلار پىكىر بايان قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، چېگرانى قىزغىن سۆيۈش، چېگرا رايوننى قۇرۇپ چىقىش، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇشتىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتتى، شى جىنپىڭ ئارىلاپ گەپ قىستۇرۇپ تۇردى.

ئارقىدىنلا شى جىنپىڭ قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بەزىلىرىڭلار پېشقەدەم نەمۇنىچىلار، بەزىلىرىڭلار يېڭى ئىلغارلار، ئىش-ئىزلىرىڭلار كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. سىلەرنىڭ جۇشقۇن روھىڭلاردىن مەن تولىمۇ ئىلھاملاندىم. ئەتە ‹‹1-ماي›› ئەمگەكچىلەر بايرىمى. مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، سىلەرنىڭ ۋە سىلەر ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئىلغار شەخسلەرگە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئىشچىلىرىغا، دېھقانلارغا، زىيالىيلارغا ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن ھەم سەمىمىي سالام يوللايمەن.

ۋاڭ خۇنىڭ، فەن چاڭلوڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ جېڭۋېي ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قوبۇل قىلىشقا قاتناشتى.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203