رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 420 قېتىم كۈرۈلدى
شۇنفېڭ يوللانمىسى پوسۇلكا يەتكۈزۈش كەسپىنى يېزىلارغىچە تەرەققىي قىلدۇرماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.cnbeta.com

ئەزەلدىن ‹ بىۋاستە تىجارەت قىلىش› ۋە ‹ سودا كەسپىگە مۇلازىمەت قىلىش› قاتارلىق ‹ماركىلار› چاپلانغان شۇنفېڭ يوللانمىسى راستىنلا يېزىلارغىچە پوسۇلكا يەتكۈزۈش نۇقتىسى قۇرۇش ئۈچۈن ۋەكالەتچى چاقىرغاندىمۇ؟ تۈنۈگۈن توردا ‹ شۇنفېڭ يوللانمىسى ۋەكالەتچى چاقىرىش يولى ئارقىلىق جەمئىيەتتىن ۋەكالەتچى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ تېز يوللانما يەتكۈزۈش كەسپىنى يېزا بازارلارغىچە كېڭەيتمەكچى› دېگەن تېمىدىكى كەسىپ خەۋىرى تارقالغان بولۇپ، بۇ خەۋەر بىردەمدىلا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ دىققىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزىگە تارتقانىدى. بۇ خەۋەرگە قارىتا، تۈنۈگۈن شۇنفېڭ يوللانمىسى شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر خادىم ‹ كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى› گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، شىركەتنىڭ ‹يېزىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومىتىر نۇقتىسىغا قەدەر پۇسۇلكا يەتكۈزۈش›نى كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرماقچى بولغىنى ھەقىقەتەن راست، لېكىن كونكىرتراق قىلىپ ئېيتقاندا، شۇنفېڭ شىركىتى ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېزىلارغا بېرىپ پوسۇلكا يەتكۈزۈش ۋەكالەت نۇقتىسى تەرەققى قىلدۇرۇشىنى قوللايدىغان بولۇپ، يەنىلا بۇرۇنقىدەك بىۋاستە تىجارەت شەكلىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا جەمئىيەتتىن ئاشكارا خادىم قوبۇل قىلمايدۇ دېگەن.

بۇ مەسلىگە قارىتا شۇنفېڭ شىركىتى ئىچكى قىسمىدىكى بۇ خادىم مۇخبىرغا تەكىتلەپ، ‹ شۇڭلاشقا بۇ خىل تىجارەت ئەندىزىسى ھەرگىز جەمئىيەتتىن ۋەكالەتچى قوبۇل قىلىپ يېزىلاردا پۇسۇلكا يەتكۈزۈش ۋەكالەت نۇقتىسى قۇرغانغا تەڭ ئەمەس› دېگەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203