رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 2697 قېتىم كۈرۈلدى
زور بەدەل تۆلەنگەن ئون سەۋەنلىك
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : pic.sports.sohu.com

جېررادنىڭ كەسپى ھاياتىدا ئۇ ئەسلەشنى خالىمايدىغان بىرنەچچە ئەسلىمە بار، بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ 36-ئايلانمىسىدا چېلسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە ئۇ يەنە بىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ بۇ سەۋەنلىكى بەلكىم لىۋېرپولنى ئۇزغۇنلۇقتىن مەھرۇم قالدۇرۇشى مۇمكىن، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ بۇ سەۋەنلىكى ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەل تېخىمۇ زور بولۇشى مۇمكىن. بىراق كىچىك سەۋەنلىك تۈپەيلى زور بەدەل تۆلىگەنلەر يالغۇز جېررادلا ئەمەس، «تەنتەربىيە پوچتا گېزىتى» پۇتبول مۇسابىقىسىدە كىچىك سەۋەنلىك سەۋەبىدىن زور بەدەل تۆلىگەن ئون سەۋەنلىكنى باھالاپ چىققان.


 

1. جېرراد 2010 –يىلى 5-ئاي
بەلكىم ئۇزغۇنلۇققا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، جېرراد دائىم ھالقىلىق ۋاقىتتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قۇيىدۇ، بولۇپمۇ چېلسى بىلەن بولغان مۇسابىقىلەردە كۆپرەك سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدۇ. 2010-يىلى بىرلەشمىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا چېلسى بىلەن مۇسابىقە ئوخشاشلا لىۋېرپولنىڭ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، جېرراد يېنىدا تۇرغان چېلسى ھۇجۇمچىسىنى كۆرمىگەندەكلا كەينىگە پاس بەرگەن ۋاقىتتا توپنى بوش تېپىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن چېلسى ھۇجۇمچىسى بۇ توپنى ئۇرۇۋەتكەن، ئاخىردا چېلسى كوماندىسى لىۋېرپولنى ئىككىدە نۆل ئۇتۇپ شۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇزغۇن بولغان.


 

2.تېررى 2008-يىلى 5-ئاي
چېلسىنىڭ بۇ داڭلىق بېكىنىڭ ئىقتىدارى ھەممەيلەنگە ئايان، بىراق ئۇمۇ ئۆزىنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن زور بەدەل تۆلىگەن. بۇ يىلى مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن چېلسى كوماندىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئوينىغان بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدو بىلەن لەمپارد ئىككىسى ئۆز كوماندىسى ئۈچۈن بىردىن توپ ئۇرغان، مۇسابىقە ئاخىردا ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالغانلىقتىن، نۇقتا توپ تەپكەن. مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئۈچىنچى نۇقتا توپىنى كىرىستىيانو رونالدو تېپىپ كىرگۈزەلمىگەن، بۇ دەل چېلسى كوماندىسىنىڭ ئۇزغۇن بولىدىغان ياخشى پۇرسىتى بولۇپ، پەقەت تېررى نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزسىلا چېلسى ئۇزغۇن بولاتتى، بىراق يامغۇر يېغىپ مەيدان سىلىق بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇ زىيادە كۈچ ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تېيىلىپ كېتىپ، نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن قەھرىمان بولىدىغان پۇرسەتنى ۋە چېلسىنىڭ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇزغۇن بولۇش پۇرسىتىنى يوق قىلغان، ئاخىردا مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ئۇزغۇن بولغان.


 

3. ئىلى دىكسۇن 1991-يىلى 9-ئاي
تېررىغا ئوخشاش نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمەي ئۇزغۇنلۇقنى يوقاتقانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئەمما بىراق دىكسۇنغا ئوخشاش «خائىن توپ» كىرگۈزۈپ قويغان بېكلارنى تاپماق ھەقىقەتەن تەس. چۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ توپنى ئالغاندىن كېيىن ئەتراپىدا قارشى تەرەپ ئەزاسى يوق، ئالدىغا ئېلىپ ماڭسىمۇ بولىدىغان، پاس بەرسىمۇ بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇ توپنى ئۆز ۋاراتارىغا تېپىپ كىرگۈزۈۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئارسىنال كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولغان.


 

4. گالى سىپېك 1967-يىلى 12- ئاي
ئۇ لىدىز بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ ۋارتارى بولۇپ، مانچېستېر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە توپنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆز ئادەملىرىگە ئېتىپ بەرمەكچى بولۇپ، ئەھۋالنى كۆزەتكەن ۋە سول تەرەپتىكى ئادىمىگە تاشلاپ بەرمەكچى بولغاندا، قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ سول تەرەپكە يۈرۈشۈپ مۇداپىئە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، باشقا تەرەپكە تاشلىماقچى بولغان، بىراق بىلەك كۈچىنى كونترول قىلىپ بولالماي ،توپنى ئۇدۇل ئۆز ۋارتارىغا ئېتىپ كىرگۈزۈۋەتكەن.


 

5.جېمى پولك 1998-يىلى 4-ئاي
بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئىككىنچى ئايلانمىسىدا، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن ئايال پادىشاھ چارلىغۇچىلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ بۇ قاۋۇل ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ناھايىتى ئاكتىپ ئوينىغان، ئۇ قارشى تەرەپ تاشلىغان بىر ئۇزۇن پاسنى ئېلىش جەريانىدا توپنى تېخىمۇ ئېگىز تېپىۋەتكەن، ئاندىن چۈشكەن توپنى ئۈسۈپ ۋارتاغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغاندا توپ ۋارتاچىدىن ھالقىپ كىرىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالغان، ۋە مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى دەرىجە تۆۋەنلەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغان.


 

6. گېنلى يون 1965-يىلى 5-ئاي
1966-يىلدىكى پۇتبول بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گېنلى يون سەپدىشى بەرگەن ئالغاندىن كېيىن توپنى قارشى تەرەپ ئەزايىغا تېپىپ بەرگەن(ئەلۋەتتە قەستەن قىلمىغان) ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇرغان كوماندا مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ، ئۇزغۇنلۇقتىن مەھرۇم قالغان.


 

7. روبېرت باگىئو 1994-يىلى 5-ئاي
روبېرت باگىئو شۇ دەۋردىكى توپچىلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان تالانتلىق توپچىلارنىڭ بىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتىگە تايىنىپ ئىتالىيە كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە باشلاپ كىرگەن، بىراق 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقە جەريانىدا بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى تەڭلىشىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نۇقتا توپ تەپكەن. ئىتالىيە كوماندىسىدىكى ئەڭ داڭلىق نۇقتا توپ تېپىش ماھىرى ھېسابلىنىدىغان باگىئو بۇ قېتىم توپنى تېپىپ قاڭقىتىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ ئۇزغۇن بولغان.


 

8.دۇدېك 2002-يىلى 12-ئاي
لىۋېرپول كوماندىسى ئىككىدە بىر نەتىجە بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ئۇتتۇرۇۋەتكەن مۇسابىقىنى دۇدىك ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۈمىدسىزلەنگەن كۈنى دەپ ئاتىغان. چۈنكى ئۇ كۈنى، مۇسابىقە جەريانىدا، دۇدېك مانچېستېر كوماندىسى ھۇجۇمچىسى تەپكەن توپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۈتىۋالغان، بىراق نېمە سەۋەبتىندۇر توپ ئۇنىڭ قولىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ، پۇتى ئارىسىدىن ۋارتاغا كىرىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن لىۋېرپول كوماندىسى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان، مۇسابىقىدىن كېيىن دۇدېك ئۆزى يالغۇز ئۆيگە سولىنىۋالغان بولۇپ، ئايالى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ئاران چىقارغان.


 

9.كىۋىن موران 1986-يىلى 12-ئاي
بۇ ۋاقىتتا فىرگوسىن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە يېڭىدىن مەشقاۋۇل بولغان بولۇپ، كىملەرنى سېتىۋېتىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ يۈرگەن، دەل مۇشۇ چاغدا موران مۇسابىقە جەريانىدا بىر «خائىن توپ» ئۇرۇپ، ئۈزىلا تازىلاش تىزىملىكىگە كىرىۋالغان.


 

10.يوھان رىس 2008-يىلى 4-ئاي
لىۋېرپول بىلەن چېلسىنىڭ مۇسابىقىسىدە ئەزەلدىن پاراڭ تېمىسى ئۈزۈلۈپ قالمىغاندەك، مۇسابىقە جەريانىدا ماھىرلارنىڭ سەۋەنلىكىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرغان. 2008 –يىلى بۇ ئىككى رەقىب ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇچراشقان بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رىس بىر «خائىن توپ» ئۇرۇپ، چېلسىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ياردەملەشكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203