رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1107 قېتىم كۈرۈلدى
26-نۆۋەتلىك دۇنيا سىتۇدېنتلار يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -24
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

ياشلىق مەرىكىسى بەش قىتئە دوستلۇقىنى شەكىللەندۈرگەن، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان 26-نۆۋەتلىك دۇنيا سىتۇدېنتلار يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى تۈنۈگۈن كەچتە شىنجىن دۇنيا كۆزنىكى رايونىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندۇڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە شىنجىن دۇنيا سىتۇدېنتلار يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

12 كۈن ئىچىدە، دۇنيا ياشلىرى جۇڭگونىڭ ياش شەھىرىدە ياشلىق يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، ياشلىق خوشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمان بولدى. دۇنيادىكى 152 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ياراتقان، دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان 10 مىڭغا يېقىن سىتۇدېنت دۇنيا سىتۇدېنتلىرىنىڭ تەنتەربىيە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، دۇنيا ياشلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىپ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، دوستانىلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. شىنجىن شەھىرى ئاددىيلىق، ئىناقلىق ئەكس ئەتكەن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئۇقۇمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشكىللەش، مۇلازىمەت خىزمىتىدە سىتۇدېنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 75 ئالتۇن مېدال، 145 كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىشتەك ئەلا نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدال ۋە ئومۇمىي مېدال سانى جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇردى.

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203