نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 2685 قېتىم كۈرۈلدى
سۈر ئېيىق كوماندىسى ئۇتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : nba.sports.163.com





 

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى30- ئاپرېل خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى ئامېرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىدىكى سۈر ئېيىق كوماندىسى غەلبىگە ئېرىشتى، رەقىبى ئوكلاخوما چاقماق كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدا سۈر ئېيىق كوماندىسى داڭلىق ماھىرى26 نومۇرغا ئېرىشىپ سەككىز ياردەمچى پاس بەرگەن، سۈر ئېيىق كوماندىسىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى، سۈر ئېيىق كوماندىسى ماھىرلىرى تىرىشىش ئارقىلىق كوماندىنىڭ100-99 نەتىجە بىلەن رەقىبى ئوكلاخوما چاقماق كوماندىسىنى يېڭىشىغا ياردەم قىلدى. چاقماق كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئۇتىشىغا خاتىمە بەردى.

مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن، سۈر ئېيىق كوماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، چاقماق كوماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى يارىلانغانلىقتىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا سۈر ئېيىق كوماندىسى30-20 نومۇر بىلەن چاقماق كوماندىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى، ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا سۈر ئېيىق كوماندىسى55-43 نەتىجە بىلەن رەقىبى چاقماق كوماندىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى، ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا سۈر ئېيىق كوماندىسى رەقىبى بىلەن76-70 نەتىجىدە ئالدىدا تۇردى، تۆتىنچى چارەك مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغاندا سۈر ئېيىق كوماندىسى رەقىبى چاقماق كوماندىسىدىن87-86 نەتىجىدە ئالدىدا تۇردى، گەرچە رەقىبى چاقماق كوماندىسى تىرىشقان بولسىمۇ سۈر ئېيىق كوماندىسى ئاخىرى يەنىلا100-99 نەتىجە بىلەن چاقماق كوماندىسىنى ئۇتۇپ غەلىبىگە ئېرىشتى، توپ مەستانىلىرى بۇ ئىككى كوماندىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلدى .
      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203