رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 122 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قوللانغان جازانىڭ رۇسىيىگە ئۈنۈمى بولامدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :


 

جۇڭگو ئاخبارات تورى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى، ئامېرىكا 28-چېسلا رۇسىيىگە قارىتا يېڭى چارە قوللانغان بولۇپ، جازا ئۈنۈمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. كانادا «يۇلتۇز ئارىلى گېزىتى» نىڭ 29-چېسلا باھا بېرىپ دېيىشىچە، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىگە بولغان ئاساسلىق قارشى تۇرۇش ئۇسۇلى بولسا ئىقتىسادى جازا بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. جازاغا نىسبەتەن، موسكۋا تەرەپ باشتىن-ئاخىر بۇ ئىشقا قارىتا مەسخىرىلىك جاۋاب قايتۇرغان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ جازا قوللىنىش ئۈنۈملۈك بولدىمۇ ياكى بولمىدىمۇ دېگەندەك گۇمانلار پەيدا بولغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىگە قوللانغان جازاسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدىكەن.
ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيىگە قارىتا جازالاشنى كېڭەيتىشنىڭ ئاساسى سەۋەبى بولسا رۇسىيە جەنۋە كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىغان. ئاق ساراينىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر قېتىملىق جازا بولسا رۇسىيىدىكى يەتتە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىق پۇتىن يادرولۇقىدىكى ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بايلىقىنى توڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىش، پۇتىن يادرولۇقىدىكى 17 شىركەتنىڭ بايلىقىنى توڭلىتىش، ئۇنىڭدىن باشقا 13 شىركەتنىڭ ھەربىي قورال-ياراقلارنى مەنئى قىلىشىنى چەكلەش، رۇسىيىگە قارىتا ھەربىي ئىشلار ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئاق ساراينىڭ 20-چېسلا ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق جازاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى جازا ناھايىتى قاتتىق بولغان، ئەمما تاشقى دۇنيا پەرز قىلغاندىكىدەك ئۇنچە ئېغىر بولۇپ كەتمىگەن، مەسىلەن بانكا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسى قاتارلىقلارغا بولغان جازا ئانچە ئېغىر بولۇپ كەتمىگەن، مەسىلەن شۇ كۈنى رۇسىيىدىكى پاي بازىرى ئاۋۋال ئۆرلەپ كېيىن تۆۋەنلەپ كەتكەن، رۇبلىنىڭ قىممىتى ئاۋۋال ئۆرلەپ كېيىن تۆۋەنلەپ كەتكەن.
ئامېرىكا پارلامېنتنىڭ رۇسىيىگە قىلغان جازاسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان ياكى بولمىغانلىقى نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان گۇمانلارنى قوزغاشقا باشلىغان، يېڭى جازالاش تەدبىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان، ئۇلار ناھايىتى «مۆتىدىل»، بۇ جازا پۇتىننى ئۆزگەرتىشكە يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارىغان. كانزاس شتاتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارلامېنت ئەزاسى كاك يېڭى جازانى بولسا «ئۆزنىڭ قولىغا كاچات بىلەن بىرنى قويغانلىق» دەپ سۈپەتلەپ، رۇسىيىدىكى تېخىمۇ چوڭ شىركەت ۋە ئاساسلىق بانكىلارغا قارىتا جازا قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. يېڭى جازالاش تەدبىرى بولسا ئوبامانىڭ پۇتىننىڭ قولىغا بىرنى ئۇرغانلىقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئەمما نۆۋەتتە فىلىپپىندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئوبامانىڭ شۇ كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر رۇسىيىدە ئۆزگىرىش بولمىسا، تېخىمۇ قاتتىق بولغان جازا كەينىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ ئېنىق قىلىپ دوكلات قىلىشىچە، ئىران ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن كارخانىلار رۇسىيىگە جازاغا سەل قارىماسلىق كېرەك دەپ نەسىھەت قىلغان، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۆتۈپ كەتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان جازا ئىراننىڭ ئىقتىسادىنى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. قوشۇمچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىگە بولغان ئاساسلىق قارشى تۇرۇش ئۇسۇلى بولسا ئىقتىسادى جازا بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. جازاغا نىسبەتەن، موسكۋا تەرەپ باشتىن-ئاخىر بۇ ئىشقا قارىتا مەسخىرىلىك جاۋاب قايتۇرغان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ جازا قوللىنىش ئۈنۈملۈك بولدىمۇ ياكى بولمىدىمۇ دېگەندەك گۇمانلار پەيدا بولغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203