رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 313 قېتىم كۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinanews.com


 

ئۇنىۋېرسال چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى يانوكوۋىچنىڭ 30-چېسلا كۆرسىتىشىچە، رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇكرائىنا قوراللىق تەشكىلاتلىرى «پۈتۈنلەي ئاگاھلاندۇرۇش» ھالىتىگە كىرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا پۇتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قوشۇن ئەۋەتىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما ئۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا، تۇرچىنوفنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ شەرق تەرەپتىكى رۇسىيىگە مايىل كۈچلەرگە بولغان ھەرىكىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان. بىر قىسىم كىشىلەر «سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى يوق» دىگەن.
ئۇكرائىنادا 2-ئاينىڭ 22-كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى يانوكوۋىچ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ ئاساسى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ھەمدە 5-ئاينىڭ 25-كۈنى زۇڭتۇڭ چوڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىش قارار قىلىنغان. موسكۋا تەرەپنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئېلىپ بارغان قارارلارنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى ئادەمنى گۇمانغا سالىدىكەن، سايلامنىڭ قانۇنلۇق بولۇشى بىر قاتار شەرتلەر تەرىپىدىن قارار قىلىنىدىكەن، بۇ ئاساسلىق ئېنىقلىق ۋە ھەر قايسى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنى قوللىغۇچىلار 3-ئايدىن باشلاپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۈچ شتاتتا يىغىلىش قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن بارغانسېرى كېڭىيىپ بىر قانچە شەھەرگىچە ئىلگىرلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇكرائىنادىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئارمىيە ئىشلىتىپ بۇ رايونلاردىكى نامايىشچىلارنى باستۇرماقچى بولغان. موسكۋا تەرەپنىڭ دېيىشىچە، كېيىۋتىكى فېدراتسىيلەشتۈرۈشنى قوللىغۇچىلارنى باستۇرۇش بولسا ئەسەبىي كۈچلەر تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203