رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 4018 قېتىم كۈرۈلدى
جەنۇبىي كورىيە يولۇچىلار پاراخوتىدا قازا قىلغانلار 56 غا يەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.okyan.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 20-ئاپرېل خەۋىرى: جەنۇبىي كورىيە KBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈش سائەت 12 ئەتراپىدا، جەنۇبىي كورىيەنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار پاراخوتى ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانى 56 غا يەتكەن، باشقا يەنە 246 ئادەم يوقاپ كەتكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورىيە جىددىي قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارى مېدىيەلەرگە بىلدۈرۈشىچە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى 19-ئاپرېل كەچ چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنىڭ ئىچىگە كىرىپ سۈزۈپ چىققان 3 جەسەتنىڭ سالاھىيىتىنى جەزىملەشتۈرگەن بولۇپ، ھەممىسى ئوغۇل، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.
بۇ قېتىمقى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى داۋاملىق ئاشماقتا.
جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى جەنۇبىي كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 20-ئاپرېلدىكى ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشىچە، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان بىر ئەسكىرى 16-ئاپرېل خىزمەتتە مېڭىسى يارىلانغان بولۇپ، گەرچە دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203