رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 5892 قېتىم كۈرۈلدى
يەر شارىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان پلانېتا بايقالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.okyan.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 نەتىجىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئاسترونوملار ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار ئىزدەپ تاپقان يەر شارىغا ئەڭ ئوخشايدىغان پلانېتانى بايقىغان بولۇپ، يەر شارىغا چوڭ-كىچىكلىك جەھەتتە ئوخشاپلا قالماي يەنە، تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدىگەندىكى ئارىلىقىمۇ دەل كېلىدىغان بولۇپ، يەر يۈزىدە سۇ بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
 مەزكۇر كېپلېر- 186f ناملىق پلانېتا ئامېرىكا ئاسترونومىيە ئىدارىسىنىڭ كېپلېر ناملىق ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپى ئارقىلىق بايقالغان.
 مەزكۇر پلانېتا ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمىگە جايلاشقان بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى يەر شارىنىڭ 1.1 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىەن 500 يورۇقلۇق يىلى ئىكەن. ئۇ چۆرىدىگەن تۇرغۇن يولتۇلار بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراقمۇ ئەمەس ھەم يېقىنمۇ ئەمەس بولۇپ، يەر يۈزىدە سۇ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
 ئالىملارنىڭ ئېيتىىشچە، مەكۇر پلانېتىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكى ئۇنى يەر شارى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.
 ئامېرىكا ئاسترونومىيە ئىدارىسى ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى بۆلۈمىنىڭ نازارەتچىسى پائۇل خېرتزنىڭ ئېيتىىشچە، كېپلېر- 186f ناملىق پلانېتانىڭ بايقىلىشى يەر شارىغا ئوخشاش پالنېتىنى تېپىشىنىڭ مۇھىم بىر قەدىمى ئىكەن.
 ئۇنىڭ ئۈستىگە، كېپلېر- 186f ناملىق پلانېتا تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمسىىنىڭ ئەڭ سىرتىدىكى بىر يۇلتۇزغا جايلاشقان بولۇپ، تۇرالغۇ رايونىنىڭ چېتىدە ئىكەن. بۇ يەر يۈزى تېمپۇراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقتىن، سۇنىڭ مۇز تۇتۇپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203