رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 2658 قېتىم كۈرۈلدى
راكېتا كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : nba.sports.163.com



 

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى ئون سەككىزىنچى ئاپرېل خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى ئامېرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىدىكى بېلىق ئالغۇچ كوماندىسى غەلبىگە ئېرىشتى، رەقىبى راكېتا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدا بېلىق ئالغۇچ كوماندىسى داڭلىق ماھىرى ئېۋىنس 25 نومۇرغا ئېرىشىپ ئالتە ياردەمچى پاس بەرگەن، بېلىق ئالغۇچ كوماندىسىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى، بېلىق ئالغۇچ كوماندىسى ماھىرلىرى تىرىشىش ئارقىلىق كوماندىنىڭ105-100 نەتىجە بىلەن رەقىبى راكېتا كوماندىسىنى يېڭىشىغا ياردەم قىلدى. راكېتا كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۇتۇشىغا خاتىمە بەردى.

مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن، بېلىق ئالغۇچ كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، راكېتا كوماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى يارىلانغانلىقتىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا بېلىق ئالغۇچ كوماندىسى28-30 نومۇر بىلەن راكېتا كوماندىسىنىڭ كەينىدە تۇردى، ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا بېلىق ئالغۇچ كوماندىسى53-50 نەتىجە بىلەن رەقىبى راكېتا كوماندىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى، ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا بېلىق ئالغۇچ كوماندىسى رەقىبىدىن ئىككى نومۇر ئاشتى، تۆتىنچى چارەك مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا 51.9 سىكونت قالغاندا بېلىق ئالغۇچ كوماندىسى105-100نەتىجە بىلەن رەقىبى راكېتا كوماندىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى،گەرچە رەقىبى راكېتا كوماندىسى تىرىشقان بولسىمۇ بېلىق ئالغۇچ كوماندىسى ئاخىرى يەنىلا 105-100نەتىجە بىلەن راكېتا كوماندىسىنى ئۇتۇپ غەلىبىگە ئېرىشتى، توپ مەستانىلىرى بۇ ئىككى كوماندىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلدى .
 


      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203