رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1213 قېتىم كۈرۈلدى
برازىلىيدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى تەلۋە توپ مەستانىسى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinanews.com



2014-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەنگىلىيە «شەھەر كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، برازىلىيلىك دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مەستانىسى Nelson Parvati پەقەت برازىلىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ رەڭگىگە ئوخشاشلا كىيىم كىيىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئادىتىنى تاكى 20 يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان. 20 يىل بۇرۇن، Nelson Parvati ئەگەر 1994-يىلى برازىلىيە پۇتبول كوماندىسى دۇنيا لۇڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولالىسا، ئۆزىنىڭ پەقەت برازىلىيە پۇتبول كوماندىسى پۇتبول كىيىمىگە ئوخشاش رەڭدىكى كىيىمنىلا كىيىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. نەتىجىدە، برازىلىيە كوماندىسى 1994-يىللىق دۇنيا لۇڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپيونلىقىغا ئېرىشكەن، شۇڭلاشقا Nelson Parvati ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، Nelson Parvati ئۆزىنىڭ پەقەت سېرىق ۋە يېشىل رەڭلىك يېمەكلىكلەرنىلا يەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىككى ۋولكىسۋاگون ماركىلىق ماشىنىسىنى يېشىل ۋە سېرىق رەڭدە بويىۋالغانلىقى، خىزمەتكە ماڭغاندا ئىزچىل برازىلىيە دۆلەت مارشىنى ئاڭلاپ ماڭىدىغانلىقى ئېيتقان.

 







      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203