رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 352 قېتىم كۈرۈلدى
نوكىيانىڭ 5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن Nokia XL يانفونى تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -09
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.cnbeta.com



نوكىيا شىركىتىنىڭ باشقا يانفون شىركەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان يانفونى بولغان Nokia X يۈرۈشىدىكى يانفونلىرىغا نوكىيا يانفون ھەۋەسكارلىرى قاتتىق ئۈمىد باغلاشقان بولۇپ، نوكىيا Nokia X يانفونلىرى دۆلەت ئىچىگە رەسمىي كىرگەندىن كېيىن بۈگۈن ئۇنىڭ RM-1030 تىپلىق 5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىلگەن Nokia XL يانفونى رەسمىي ھالدا دۆلەت ئىچىدە تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى. بۇ يانفونغا گاۋتۇڭ راۋلۇڭنىڭ 200 يۈرۈشىدىكى ئاساسىي چاستوتىسى 1GHz بولغان قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن بولۇپ، يانفونغا 5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىلگەن، ئۇنىڭ ئېكرانىنىڭ سېزىمچانلىقى بولسا 800×480 غا يەتكۈزۈلگەن. بۇ يانفونغا 768MB لىق ئىچكى سىغىم ساقلاش بوشلۇقى ۋە 2GB لىق يانفون سىغىم ساقلاش بوشلۇقى سەپلىنىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە 5 مىليون پېكسىللىق ئارقا كامىرا بىلەن 2 مىليون پېكسىللىق ئالدى كامىرا سەپلەنگەن. بۇ يانفونغا Android 4.1.2 مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن.



      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203