رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 2663 قېتىم كۈرۈلدى
خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى ئۇتتۇردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -23
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : cs.sports.163.com

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 23- مارت خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى 2014- مۇسابىقە پەسىللىك جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچىنچى ئايلانمىسى بويىچە ئاچقۇچلۇق بىر مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى، يەنى خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى بىلەن شاڭخەيدىكى كۇلۇب كوماندا شاڭگاڭ كوماندىسى مۇسابىقىلاشتى. مۇسابىقە خۇاڭلوڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى، شاڭخەيدىكى كۇلۇب كوماندا شاڭگاڭ كوماندىسى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئارقىلىق ئاخىرى 2-1 نەتىجىدە خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىنى ئۇتىدۇ.
يېڭىدىن جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇقىغا تەيىنلەنگەن پېررىن بۇ مۇسابىقىنى كۆردى، بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن ئىككى كوماندا كۈچلۈك رىقابەتلەشتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 29 مىنۇت بولغاندا خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى مۇداپىئەسىدە يوچۇق چىقىپ شاڭخەيدىكى كۇلۇب كوماندا شاڭگاڭ كوماندىسى ئالدى بىلەن بىر توپ كىرگۈزىدۇ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە زور مەبلەغ سېلىپ ماھىر قوشۇۋالغان شاڭخەيدىكى كۇلۇب كوماندا شاڭگاڭ كوماندىسى كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىگەن ئىدى، 2014- مۇسابىقە پەسىللىك جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا ئۇلار ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن، گەرچە خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى تىرىشقان بولسىمۇ لېكىن ئاخىرى يەنىلا 1-2 نەتىجىدە رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. توپ مەستانىلىرى ئۆز كوماندىلىرىنىڭ 2014-مۇسابىقە پەسىللىك جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسى بويىچە بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلاردا ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلماقتا.





      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203