رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1114 قېتىم كۈرۈلدى
ئۆرۈمە چاچنى «ئۆي» قىلىۋالغان تىيىن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -16
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

تىيىن بۇ قىزنىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئۆي قىلىۋالغان بولۇپ، كۈندە مۇشۇ «ئۆي» دە ياشايدۇ.

قىز بۇ تىيىننى ئېلىپ ئۆيىگە كەتكەندىن كېيىن، كۈندە ئۇنىڭغا ئوزۇق بەرگەن

جۇڭگو ئاخبارات تورى 16 – مارت تېلېگراممىسى شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەلۇماتلار گېزىتى» نىڭ 16 – چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئافرىقا دۆلىتى زىمبابىۋىدىكى قىز ئۆسمۈر پۇترى ئاتا ئانىسىنىڭ ياۋايى جانلىقلار ئىشخانىسىدا، 10 كۈنلۈك بولغان بىر تىيىن بالىسىنىڭ ئېغىر يارىلىنىپ يەردە يېتىپ قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ تىيىنچاقنى ئۆيىگە ئەكىتىپ باققان.
تىيىن بالىسىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بىر غەلىتە ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالغان، يەنى بۇ تىيىن بالىسى پۇترىنىڭ بېشىغا ئۆمىلەپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئۆرۈمە چېچى ئىچىگە مۆكۈنۈۋالىدىكەن. پۇترى ئىككى ئايدىن بۇيان ئۇنى ئاشۇ ئۆرۈمە چېچى ئارىسىدا بېقىپ كەلگەن، پەقەت ئۇخلايدىغان ۋە مۇنچىغا چۈشۈدىغان ۋاقتىدىلا ئۇنى ئۆرۈمە چېچىدىن ئايرىۋېتىدىكەن، بۇ ناھايىتى قىزىقارلىق ئىش بولغان.
پۇترى تىيىن بالىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، كۈندە ئۇنىڭغا ئوزۇقلۇق ۋە سۇ بەرگەن. تىيىنچاقنىڭ سالامەتلىكى بارغانسېرى ياخشىلانغان، بىر قېتىم ئۇ پۇترى بىلەن ئوينىشىۋېتىپ، تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ بېشىغا ئۆمىلەپ چىقىۋالغان، ھەمدە خۇددى «ئۆي» ىنى تېپىۋالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان، ھەم بۇ چاچلارنىڭ ئارىسىدىن چۈشكىلى ئۇنىمىغان. پۇترى چېچىنى كۈندە ئۆرۈشكە مەجبۇر بولغان، تىيىن بالىسىمۇ شۇ چاچلارنىڭ ئارىسىغا مۆكۈنۈۋېلىپ، ئۇنىڭدىن زادىلا ئايرىلمىغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203