رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 977 قېتىم كۈرۈلدى
Stuttgart كۇتۇپخانىسى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : fishcan.net

سىز قانچە ئۇزۇندا بىر قېتىم كىتاب ئوقۇيسىز؟ ئەلۋەتتە مېنىڭ دەۋاتقىنىم ھەقىقىي كىتاب، تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھەرخىل يانفۇن، تاختا كومپيوتېر، قاتارلىقلار بىزنىڭ كۇتۇپخانىغا بارماسلىقىمىزغا سەۋەب بولماقتا. بىراق مەن شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، كىتابنىڭ ئورنىنى باشقا ھېچقانداق نەرسە ئېلىپ بولالمايدۇ، قۇياش دېرىزىدىن ئىللىق نۇرىنى ئۈستىڭىزگە چېچىپ تۇرغان، بىر پارچە كىتاب، بىر ئىستاكان قەھۋە، كارۋات ئۈستىدە قەھۋە ئىچكەچ كىتاب ئوقۇش، بۇ قانچىلىغان دوستلارنىڭ خىيالدىكى تەسەۋۋۇرى.
ئەلۋەتتە يەنە بىرخىل ئەھۋالمۇ بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ سىز تۇرۇشلۇق شەھەردە بىر ئالاھىدە كۇتۇبخانىنىڭ بولىشى، Stuttgart شەھىرىدە دەل مۇشۇخىل كۇتۇبخانا بار بولۇپ ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئېچىۋېتىلدى. بۇ Eun Young Yi لار لايىھىلىگەن كۇتۇپخانا بولۇپ، سىرتىدىن قارىماققا بىر كۇپقا ئوخشايدۇ، ئىچىگە كىرگەن ۋاقتىڭىزدا بولسا ئىچىنىڭ پاكىزلىقىدىن ھەيران قالىسىز، ئۇ ھەتتا بىر كۇتۇپخانا بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە بىر ئاممىۋىي بەدىئي ئەسەردۇر. مىنىڭ قارىشىمچە مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا بىر شەھەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغىنى، ئۇ شەھەرنىڭ موزېيخانىسى بىلەن ئۇنىڭ كۈتۇپخانىسىدۇر، بولۇپ يېڭىدىن گۈللەنگەن شەھەرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بىراق مەن ئەزەلدىن دۆلەت ئىچىدىكى موزېيخانىلارغا ياكى كۇتۇپخانىلارغا قىزىقىپ باققان ئەمەس! ئەزەلدىن شۇنداق! بۇ بىر تراگېدىيە مۇ؟















      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203