رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1217 قېتىم كۈرۈلدى
بودەك رونالدو: مەشقاۋۇل بولمايمەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -06
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : sports.163.com


 

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى ئالتىنچى مارت خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى  2011-يىلى كەسپىي ھاياتى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن بودەك رونالدو مۇسابىقە مەيدانىدىن يىراقلاشتى. نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى بودەك رونالدونىڭ پۇتبول ساھەسىگە قايتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىشتى، ھازىر بۇ ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرماقتا. بودەك رونالدو مۇنداق دەپ بىلدۈردى: مەن برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كېيىن پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى يۇقىرى قاتلىمىغا كىرىشىم مۇمكىن.
 كەسپىي ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى بودەك رونالدو بەك ئالدىراش دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى، لېكىن ئۇ مۇسابىقە مەيدانىغا ناھايىتى ئاز كېلەتتى. ب د ت تەرەققىيات پىلان كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بودەك رونالدو يېقىندا ياۋروپاغا كېلىپ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نامىدىكى بىر خەيرى-ساخاۋەت مۇسابىقىسىغا قاتناشماقچى بولدى. بودەك رونالدودىن سىرت زىدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چولپانلارمۇ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بۇ پۇرسەت بىلەن "پارىژلىقلار گېزىتى" بودەك رونالدونى زىيارەت قىلدى. تاراتقۇلارنىڭ ئالدىدا بودەك رونالدو ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانىنى سۆزلەپ مەشقاۋۇل بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى لېكىن باشقۇرغۇچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 زىيارەت قوبۇل قىلغاندا بودەك رونالدو يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر مەن برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، مەن برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلى كومىتېتى ئەزاسى، بىز ھازىر ئاخىرقى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى قىلماقتىمىز، نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىمىزنى كۈتىۋاتىدۇ. رونالدو مۇنداق دېدى:  مەن برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كېيىن پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى يۇقىرى قاتلىمىغا كىرىشىم مۇمكىن.

 






 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203