رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 872 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىنىڭ سوقۇشتۇرغۇچى بەلكىم پۈتكۈل يەر شارىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -06
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.cnbeta.c

 

Www.AnAdiyar.Cn

  ئەنگىليە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە ئالىملار ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش مۇتەخەسسىسلىرى دەرىجىدىن تاشقىرى زەرەتلىك سوقۇشتۇرغۇچ تەجرىبىسىدىن ئىبارەت بىر تۈرلۈك تەتقىقات تەجرىبىسىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلماقتا. بۇ پۈتكۈل يەر شارى بويىچە ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئېئون تېزلەشتۈرگۈچ- بىروكخاۋېن دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسى (Brookhaven National Laboratory ، بۇ تەجرىبىخانا نىيۇيوركنىڭ سوففولك ناھىيىسىنىڭ ئۇتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئېنىرگىيە مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە قارايدۇ، بۇ تەجرىبىخانا 1974-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تارىختا 5 قېتىملىق نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى دەل مۇشۇ تەجرىبىخانىدىن چىققان-تەھرىردىن) نىڭ نسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېغىر ئېئونلار سوقۇشتۇرغۇچى (RHIC ) ئېئونلارنى 400 مىليون گىرادۇسقا  قەدەر قىزدۇرالايدىغان شۇنداقلا  ئاتوم يادروسىنىڭ ھەركەت سۈرئىتىنى نۇر تېزلىكىگە يەتكۈزەلەيدىغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئېئونلارنى ئۆز ئارا بىر بىرى بىلەن سوقۇشتۇرۇپ ئاندىن كوك- يىلىم تەڭ ئېئونلۇق تەنچە ( بۇ دەل ئالەم چوڭ پارتلاشلىرىدا ھاسىل بولىدىغان بىر خىل يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك ماددا) ماددىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.
   RHIC  بولسا ياۋروپا قىتئەسى يادرو تەتقىقات مەركىزىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئېئون سۇقۇشتۇرغۇچى-LHC دىنلا كېيىن تۇرىدىغان 2-چوڭ ئېئون تېزلەشتۈرگۈچ بولۇپ، ئۇ ئەمدى تېخىمۇ چوڭايتىلىپ ھەم قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، نامەلۇم بىر ساھەگە تەرەققىي قىلىش ئالدىدا  تۇرماقتا. بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، RHIC نىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىى ئۇنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ۋاقتىدىكى سۇقۇلۇش كۈچىنىڭ 20 ھەسسىسىگە يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق يەر شارىدا  قانداق قىلىپ جانلىقلارنىڭ پەيدا  بولغانلىقىنى تەتقىق قىلماقچى ئىكەن.
    لېكىن مۇتەخەسىس ئالىملار ئۇنىڭ بەلكىم يەنە مىكرو تىپلىق قارا ئۆڭكۈر ياكى ئىسمى غەلىتە كوك ماددىسى (strangelets) بولغان بىر خىل ئىككىلەمچى زەررىچىنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا ئالىملار ئىلگىرى پەرەز قىلغاندىكىدىنمۇ كىچىك ئېنىرگىيە ئارقىلىق مىكرو تىپتىكى قارا ئۆڭكۈرنى ھاسىل قىلالايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. غەلىتە كوك ماددىسى بولسا كوك-يىلىم تەڭ ئېئونلۇق تەنچىسىنىڭ بىر خىل تەسۋىرىي ھالىتى بولۇپ، ئەگەر بۇ ماددىدا  زەنجىرسىمان رېئاكسىيە كۆرۈلۈپ قالسا، بارلىق ماددىلارنىڭ ھەممىسىنى كوك ماددىسىغا ئايلاندۇرۇپ، يەر شارىنى خانىۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئاسترونومى-Martin Rees يېقىندا ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالىدىغان بولسا، يەر شارى پەقەت 100 مېتىرلا  كېلىدىغان يۇقىرى زىچلىقتىكى بىر شارغا ئايلىنىپ قالىدۇ دېگەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203