رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1110 قېتىم كۈرۈلدى
موسكىۋادا دۇما سايلىمىدىكى كۆز بويامچىلىققا قارشى 25 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -11
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : www.okyan.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

يەر شارى تورىنىڭ 11-دېكابر خەۋىرى: روسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 25 مىڭ كىشى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن موسكىۋا شەھىرىنىڭ مەركىزىدە يىغىلىش قىلىپ، روسىيە دۆلەت دۇما سايلىمىدىكى كۆز بويامچىلىق قىلمىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن.

نامايىش 12-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14 دە باشلانغان. نامايىشچىلار پىلاكاتلارنى لەپىلدىتىپ، شوئار توۋلاشقان. نۇرغۇن ساقچىلار نامايىشچىلار ئەتراپىدا ھوشيار ھالەتتە تۇرغان. نامايىشچىلار دۆلەت دۇماسى سايلىمىدىكى كۆز بويامچىلىققا ئېتراز بىلدۈرۈپ، قايتىدىن ھەقىقىي سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. سائەت 18 ئۆتكەندە نامايىشچ تىنچ ئاخىرلاشقان.

نامايىش ئورنى كېرمىل سارىيىغا يېقىن جاي بولۇپ، موسكىۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ جايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈشنى تەستىقلىغان.

ئىگىلىنىشچە، سانكىت پېتۇربۇرگ، ۋىلادىۋىستوك قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ 10-دېكابر نامايىش بولغان. (نەپرەت)

 

 

 

 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203