نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 439 قېتىم كۈرۈلدى
لىيەنخو يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۇرپاندىن قۇمۇلغا باردىغان يول بۆلىكىدە 4 ماشىنا سوقۇلۇپ 1 ئادەم ئۆلۈ ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -25
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : hawar.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگوشىنخۇا تورى قۇمۇلنىڭ 12-ئاينىڭ 23-كۈنى يوللىغان تېلگىراممىسى :12-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 ئەتراپىدا ،لىيەنخو يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى G310 تۇرپاندىن قۇمۇلغا 3105 بولغان يول بولىكىدە 4 ماشىنا ئۆزئار سوقۇلۇپ كەتكەن .ئۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقتىن غەرب تەرەپكە قاراپ ماڭغان كىچىك ماشىنا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ،ئىچىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ بىرسى ئۆلۈپ بىر يارلانغان .

نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىنىڭ ئېيتىشىچە :كىچىك ماشىنا قۇمۇلدىن ئۈرۈمچى تەرەپكە قاراپ ماڭغان ،كەچ كىرگەن چاغدا بۇ كىچىك ماشىنىنىڭ سۈرئىتى ئېشىپ كەتكەن ،ماشىنا G310 تۇرپاندىن قۇمۇلغا 3105 بولغان يول بۆلىكىدە توختىپ قويغان بىر يولوچىلار ماشىنىسىغا سۈركۈلۈپ ئۆتكەن ،ئارقىدىن بىر يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلغان ،شۇنىڭ بىلەن بۇ يول بۆلىكىدە 3 سائەت قاتناشنىڭ توسىلىپ قېلىشىغا ھەمدە 100 دىن ئارتۇق ماشىنىنىڭ ئۇ جايدا توختاپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .نۆۋەتتە ،شۇ يەرلىك قاتناش ساقچىلىرى بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىپ قاتناشىنىڭ راۋانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى .يارلانغان ئادەمنى شۇ يەردىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزۋاتىدۇ .

قاتناش تارماقلىرى ئەسكەرتىپ ،كىچىدە يول يۈرگەندە بىختەرلىكگە دىققەت قىلىش ،كىچىدە يول يۈرۈشتىن ئىلگىرى چوقۇم ماشىننىڭ تېخنىكىلىك ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈش ،ماشىنىدىن كاشىلا كۆرۈلسە چوقۇم ولنىڭ چىتىگە يەنى ماشىنا توختىتىش سىزىقى بار يەرگە توختىتىپ بەلگە قۇيۇپ قۇيۇش ،شۇنداقلا كىچىدە يول يپۈگەندە مۇگۈدەپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چوقۇم يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ياخشى ئارام ئېلىپ روھلۇق ھالدا ماشىنا ھەيدەش لازىم .

مەنبەسى :خەلقئارا ئاخبارات لېنىيسى


 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش