نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 2392 قېتىم كۈرۈلدى
گۇگېل مارسنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.qq.com

تېڭشۈن تورى پەن- تېخنىكا ئۇچۇرى: چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مارس ئوربىتىسىدا ئايلىنىۋاتقان كۈزىتىش ئۈسكۈنىسى مارسنىڭ يەر يۈزىگە ئائىت نۇرغۇن سۈرەت تارتقان. گۇگېل شىركىتى يېقىندا مارسنىڭ يەر يۈزى خەرىتىسىنى يېڭىلىغان. توردا ئىزدەش ماگناتى ـــ گۇگېل شىركىتى 2009- يىلىدىن باشلاپ مارسنىڭ يەر يۈزىگە ئائىت بىر قىسىم خەرىتە مۇلازىمىتى تەمىنلىگەنىدى، ئەمما ھازىرغا قەدەر مارسنىڭ يەر يۈزىگە ئائىت نۇرغۇن خەرىتىلەرنى پەقەت ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن ھالەتتە كۆرگىلى بولاتتى. مارسنى كۈزىتىش ئۈسكۈنىسىگە ئورنىتىلغان ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان فوتو ئاپپارات يەر شارىغا نۇرغۇن يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئەۋەتىشىگە ئەگىشىپ، گۇگېل شىركىتىمۇ مارسنىڭ يەر يۈزىگە ئائىت نۇرغۇن سۈرەتلەرنى يېڭىلاشقا باشلىدى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

گۇگېل خەرىتىسىدە كۆرسىتىلگەن مارس ئېكۋاتورىنىڭ جەنۇبىدىكى گەيل سوقۇلۇش ئورىكى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

مارسنى كۈزىتىش ئۈسكۈنىسى سۈرەتكە تارتقان مارسنىڭ يۈزىگە ئائىت ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان خەرىتە.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش