رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1108 قېتىم كۈرۈلدى
ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى: ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مەشغۇلات خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -25
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
ھىندونېزىيەنىڭ قاتناش مىنىستىرى نامبىرى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئايدا ھىندونېزىيە مىرپاتى نۇسانتارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى قېيىق 60 بەلگىلىك ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مەشغۇلات خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان، ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش دوكلاتى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ. دەسلەپكى تەھلىلگە قارىغاندا، ئۇچقۇچىنىڭ ئايروپىلان قونىۋاتقاندا بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۇچۇش ئارىلىقىنى مۇۋاپىق مۆلچەرلىمىگەنلىكى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى قېيىق 60 بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ ئۆزىدە چاتاق يوق، داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 13 ئەتراپىدا، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىئەن ئايروپىلان سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھىندونېزىيەدە مىرپاتى نۇسانتارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تاپشۇرغان يېڭى قېيىق 60 بەلگىلىك ئايروپىلان غەربىي پاپۇئا ئۆلكىسىنىڭ سولۇڭ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ كايمانا ناھىيەسىگە قونماقچى بولغاندا، ئايرودۇرۇمنىڭ يۈرۈش يولىنىڭ سول تەرىپىگە تەخمىنەن 500 مېتىر كېلىدىغان جايدا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندىكى 25 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203