رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1474 قېتىم كۈرۈلدى
ئىراننىڭ ئاياللار دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىدا تۆت ئەر كىشى بار ئىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئىران ئاياللار دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11 – فېۋرال تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 10 – چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئاياللار دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىدا تۆت ئەر ئەزانىڭ بارلىقى بايقىلىپ، بۇ ئەر ئەزالار مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران پۇتبول باشقۇرۇش ئورگىنى مۇنداق جاكارلىغان، بۇندىن كېيىن، ئايال پۇتبولچىلار چوقۇم جىنسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشى كېرەك.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، بۇ تۆت ئەزانىڭ ھەممىسىلا ئىران ئاياللار دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەزالىرى، ئۇلار جىنس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقچى بولغان. بۇندىن باشقا، ئىراننىڭ بىر قىسىم ئاياللار پۇتبول كوماندىلىرى ئىچىدىمۇ ئايال جىنىس ئەمەس ئەزالار بار.
كۇلۇبتا جىنس تەكشۈرۈشنى تىزگىنلەشتىن باشقا، دوختۇرلار كوماندا مەشىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چاغدا، يەنى خالىغان ۋاقىتتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلەر ياكى ئۆزىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز قالغان پۇتبول كوماندا ئەزالىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ. بىراق كوماندا ئەزالىرى جىنس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قايتىدىن قاتناشسا بولىدۇ.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، ئىراق پۇتبول باشقۇرۇش ئورگىنى يۇقىرىقى قارارنى چىقارغاندىن كېيىن، ھەرقايسى كۇلۇبلاردا يەتتە نەپەر كوماندا ئەزاسىنىڭ توختامى بىكار قىلىندى.
1979 – يىلدىن باشلاپ، جىنسىنى ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئىراندا قانۇنلۇق ھەرىكەتكە ئايلاندى، ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئالىي داھىي خامىنىي بىر تۈرلۈك دىنىي كېسىم جاكارلاپ، جىنسنى ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، دېگەن ئېدى.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203