رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 1266 قېتىم كۈرۈلدى
ھوللىۋودنىڭ داڭلىق «بالا چولپىنى» شېرلىي . تېمپىل ۋاپات بولدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 

شېرلىي . تېمپىل 1928-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سانتا مونىكادا تۇغۇلغان ۋە بالا ۋاقتىدا ئامېرىكىدىكى داڭلىق بالا چولپانلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ دادىسى جورجى. فىرانكىس. تېمپىل بانكا خادىمى، ئاپىسى تېلود. ئەمىلىيە. تېمپىل بولسا ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە قان سىستېمىسىدىن ئىكەن.

BBC نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە ئېلان قىلىنىشىچە، ھوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى شېرلىي . تېمپىل 85 يېشىدا ۋاپات بولغان.
شېرلىي . تېمپىلنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ شۇ يەر ۋاقتى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئۆيىدە «ئۆز ئەجىلى» بىلەن ۋاپات بولغان.
ئۈچ ياشقا كىرگەن شېرلىي ئاپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىسمى لىگلىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر بالىلار ئۇسۇل تەربىيىلەش مەكتىپىگە كىرگەن، 1934-يىلى ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن شېرلىي «قوزغىلىش ئالقىشى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇلدا رول ئېلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىلدا، شېرلىي «ئالقىش چوڭ يىغىنى»، «كىچىك ئەنچىل» ۋە «كىچىك مەشۇق» قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك كىنولاردا رول ئالغان. بۇ بىر قىسىم كىنولاردا ئېلىنغان رول ناھايىتى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، 1935-يىلى پەقەت يەتتە ياشتىكى شېرلىي 7-قېتىملىق ئوسكار ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تارىختىكى تۇنجى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۆسمۈر بولۇپ قالغان. شۇ يىلى «ئامېرىكا كىنو تېخنىكا ئۇيۇشمىسى» ئۇنىڭغا «1934-يىلىدىكى داڭلىق شەخس» دەپ نام بەرگەن.
1934-يىلىدىن 1939-يىلغىچە، ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىكەن 10 ئارتىسنىڭ بىرسى بولۇپ باھالىنىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرىنىڭ چوقۇنغۇچىسىغا ئايلانغان ھەمدە يەنە چوڭلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ ئامراق «بالىچاق» بولۇپ قالغان، ئۇنىڭدىن باشقا «كۆپچىلىكنىڭ كىچىك مەشۇقى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭ يېشى چوڭىيىشقا ئەگىشىپ، كىچىك مەزگىلدىكى شېرلىي . تېمپىل ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچىنى يوقىتىشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئۇلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان «بالىچاق» نىڭ چوڭ بولغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالغان.
شېرلىي . تېمپىل بولسا كىنوچىلىق تارىخىدىكى بىر ئالاھىدە كارتىنا بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى ھېچقانداق بىر ئادەمگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن. يەنى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۈگۈن كىشىلەر ئۇنى يەنىلا «پەرىشتە» دەپ ئاتايدىكەن. 2013-يىلى 6-ئايدا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىسى «تاماشا دۇنياسى» ئەڭ ئەنئەنىۋى بولغان 10 ئۆسمۈرلەر ئوبرازىغا باھا بەرگەن، شېرلىي . تېمپىل يەنىلا كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
شېرلىي . تېمپىل بولسا يەنە سودا ساھەسىدىكى «ئەرمەك» بولۇپ، مانشۇلا سودا ماركىسىدىكى كىچىك سېسترانىڭ ئوبرازىنى ياراتقانمۇ شېرلىي . تېمپىل ئىكەن.
شېرلىي . تېمپىل ھاياتىدا نۇرغۇن ساھەلەردە ئىزنا قالدۇرغان. ئۇ 1935-يىلى ئامېرىكا كىنو تېخنىكىسى ۋە پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار ئوسكار مۇكاپاتى لايىھىلىگەن، 1969-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نىكسون ئۇنى ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى قىلغان، 1972-يىلى سۈت بېزى راكى سەۋەبىدىن سۈت بېزىنى ئالدۇرۇۋېتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، تۇنجى سۈت بېزى ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن كېيىن ئاممىغا يۈزلەنگەن خەلقئارالىق داڭلىق ئايال بولغان بولۇپ قالغان.
شېرلىي . تېمپىل ھاياتىدا 43 يۈرۈش كىنودا رول ئالغان بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ئۇ 22 ياش ۋاقتىدا رەسمىي ھالدا سەھنىدىن چېكىنىپ چىققان.
 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203