رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 1229 قېتىم كۈرۈلدى
ھىندىستاندا بىر يولۋاس ئالتە ھەپتە ئىچىدە 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ھىندىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئورمانلىققا كىرىپ «ئادەم يەيدىغان يولۋاس» نى ئىزدىمەكتە.
خەلقئارا مەخسۇس تېلېگراممىسى، ئاۋسترالىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جىم. كوربېت دۆلەتلىك باغچىسىدىن قېچىپ كەتكەن چىشى يولۋاس ھىندىستاننىڭ شىمالى قىسىمىغا بېرىپ ئالتە ھەپتىنىڭ ئىچىدە 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، شۇنىڭ بىلەن شۇ يەردىكى كەنت ئاھالىسىگە يالغۇز سىرتقا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.
ئەمدىلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولسا بىر 50 ياشلىق ھىندىستانلىق ئەر بولۇپ، ئۇ 9-چېسلا كەچقۇرۇن ئۇترىكخان ئۆلكىسىدىكى كالگار يېزىسىنىڭ سىرتىدىكى بىر ئورمانلىققا ئوتۇن يىغقىلى بارغان. يولۋاس ئۇ ئەرنىڭ پۇتى بىلەن قورساق قىسمىنى يېيىشكە باشلىغان ۋاقىتتا سىم ۋە گۈرجەك قاتارلىق ئەسۋابلىرىنى كۆتۈرگەن كەنت ئاھالىسى يۈگۈرۈپ كەلگەن. 8-چېسلا كەچقۇرۇن ئوۋچىلار بىر كالىنى يەمچۈك قىلىش ئارقىلىق يولۋاسقا تۇزاق قۇرغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ چىشى يولۋاس تۇزاققا يېقىنلىشىپ ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە يەمچۈككە ھۇجۇم قىلماي قېچىپ كەتكەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ يولۋاس 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ قېچىپ يۈرگەن، شۇ كۈنى مەزكۇر ئۆلكىدىكى 65 ياشلىق ئەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئارقىدىن نۇرغۇنلىغان كەنت ئاھالىسىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپ، ئورمانلىققا بارماسلىقى تەكىتلىگەن. ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يولۋاسنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى تەخمىنەن 130 كىلومېتىر ئەتراپىدا ئىكەن.
شىمالى قىسىمدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يولۋاس باشقا ئوۋنى تۇتۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇ ھازىر قاتتىق ھارغان بولۇپ، چوقۇم يېتەرلىك ئارام ئالمىسا بولمايدىكەن. مەخسۇس ياللانغان ئوۋچىلار ناھايىتى تەسلىكتە ئورمانلىق ئىچىدىن ئۇنىڭ ئىزىنى تاپقان ھەمدە ئادەم كۈچى يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇلماي قالغان. ئۇنىڭ ھازىر باشقا ئۆلكىگە قېچىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككى ئۆلكە ئىچىدىكى ھەمكارلىق تازا يېتەرلىك بولمىغان.
2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەسەبىيلەشكەن بىر توپ كەنت ئاھالىسى بىر دۆلەتلىك ئورمان ئىدارىسىدىكى باشقۇرغۇچى خادىمنى تۇتۇۋېلىپ قوغداش ۋە تۆلەمنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. جىم. كوربېت دۆلەتلىك باغچىسىدىكى مۇئاۋىن باغچە باشلىقى سېكىت. بودولا : «بىز كەنت ئاھالىسىنىڭ غەزىپىنى چۈشىنىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ھاجەتخانا يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئورمانلىق ۋە سىرتلارغا چىقىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىسا بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قوغداش ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنى تەكىتلەيمىز» دېگەن.
ھەدىدىن ئاشقانئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش ۋە يولۋاسلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ ئازلاپ كېتىشى تۈپەيلى، ھىندىستاندىكى ياۋايى يولۋاسلارنىڭ ھاياتى خەۋىپكە ئۇچراشقا باشلىغان. ھازىر 3200 دىن ئارتۇق ياۋايى يولۋاسنىڭ ئازغىنە ھاياتى دالادا ئۆتىدىكەن. گەرچە ھىندىستان مەملىكەت كۆلەملىك قوغداش رايونىدىن 10 نەچچىنى تەسىس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يولۋاسلارنىڭ سانى يەنىلا كېمىيىپ كەتكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203