رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1960 قېتىم كۈرۈلدى
كىرىستىيانو رونالدو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-12 -11
  • يوللىغۇچى : ئەزمەت ئېلى
  • مەنبەسى : sports.sina.com.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى پورتىگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو يارىلىنىپ 17 كۈن يېتىپ قالدى، ئەمما ئۇنىڭ يېرىم ئايدىن كۆپرەك ئارام ئېلىش ۋاقتى ئۇنىڭ ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا كوپىنھاگېن كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو بىر توپ كىرگۈزۈپ يەنە بىر يېڭى رېكورت ياراتتى. يەنى ئۇ بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە جەمئىي 9 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىدە تۇنجى بوپ 9 توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ نەتىجىنى ساقلاپ كەلگەن يەنى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 8 توپ كىرگۈزۈپ باققان توپچىلار بولسا ئىبراھىموۋىچ، ۋان نېستىلروي، ئىنزاجى، كىرىسپو قاتارلىقلار ئىدى

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە كىرىستىيانو رونالدونىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىمۇ ناھايىتى قالتىس بولۇپ، پەقەت 19 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 26 توپ كىرگۈزۈپ بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە 8 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا توپ كىرگۈزگەن، بۇ نەتىجىمۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى نەتىجىسى بولغان، ئۇدا توپ كىرگۈزگەن بۇ 8 مەيدان مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو جەمئىي 15 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن جەمئىي 2 دىن توپ كىرگۈزگەن

 

Www.AnAdiyar.Cn

كىرىستىيانو رونالدونىڭ بۇنداق يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن توپ كىرگۈزۈشى نەتىجىسىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە جەمئىي 20 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، 98-99-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ۋە 2011-2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى بىلەن تەڭلەشكەن. يەنە بىر تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى كىرىستىيانو رونالدونىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇرغان توپى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى 800-توپى بولغان

 

Www.AnAdiyar.Cn

كىرىستىيانو رونالدو نۆۋەتتە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا ئۇرغان 60 توپى بىلەن ۋان نېستىلروي بىلەن بىرگە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مەرگەنلەر قاتارىدا ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىككى چولپان بولسا بىرى بۇرۇنقى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى كاپىتانى رائۇل (71 توپ)، يەنە بىرى بولسا ھازىرقى بارسېلونا كوماندىسى چولپىنى مېسسى (65 توپ).
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203