رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1763 قېتىم كۈرۈلدى
ئارگېنتىنالىق چولپان دىمارىيا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-12 -08
  • يوللىغۇچى : ئەزمەت ئېلى
  • مەنبەسى : sports.sina.com.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى ئارگېنتىنالىق ئوتتۇرا مەيدانچى دىمارىيا فرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى موناكو كۇلۇبى بىلەن توختاملىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان. «ماركا گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، دىمارىيا كېلەر يىلى 1-ئايدا موناكو كۇلۇبىغا قوشۇلماقچى بولۇپ، پەقەت خان مادرىد مەشقاۋۇلى ئانچېلوتتىلا دىمارىيانى توسۇپ قالالايدىكەن.
دىمارىيا ئاللىقاچان موناكو كۇلۇبى بىلەن بىرلىككە كېلىپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۆتكىلىش باھاسى 35 مىليون ياۋرو دەپ مۆلچەرلەنگەن. دىمارىيانىڭ خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىدىن يۆتكىلىپ كەتمەكچى بولىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا يىتەرلىك مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. بېل خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن تارتىپ ۋىلىشلىق چولپان خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇ كوماندىدا ئاساسلىق ئەزا بولۇپلا قالماي يەنە توپ مەستانىلىرىنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشتى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

ھازىر خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىدە كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئورنىنى ھەرگىز تەۋرەتكىلى بولمايدۇ، يەنە بىر ئورۇننى بېل ئاللىقاچان ئىگىلەپ بولدى. دىمارىيا ھەرگىزمۇ بېنزېمانىڭ 9-نومۇرلۇق ئورنىنى ئوينىيالمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ پەقەت زاپاس ئەزا بولۇپ قالغان. دىمارىيا ناھايىتى تەبئىيلا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئورۇندۇق ساقلاپ ئولتۇرۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغان بولۇپ، چۈنكى كېلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ناھايىتى ئاز ۋاقىت قالغان بۇ پەيتتە ئۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا داۋاملىق زاپاس ئەزا بولۇپ ئولتۇرسا بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدىكى ئورنىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا دىمارىيا تېخىمۇ كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئىسپانىيە «ئاس گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ھازىر موناكو كۇلۇبى بىلەن دىمارىيانىڭ يۆتكىلىش ئىشى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، دىمارىيا كېلەر يىلى 1-ئايدا بىرنابۇدىن ئايرىلىدىكەن، ئەڭ تېز بولغاندا بەلكىم بۇ يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى موناكو كۇلۇبىغا قوشۇلىدىكەن. دىمارىيانىڭ توختامنى بۇزۇش ھەققى 200 مىليون ياۋرو بولۇپ، ئەگەر موناكو 35 مىليون ياۋرو بىلەن 40 مىليون ياۋرو ئەتراپىدا باھا چىقىرالىسا، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ئارگېنتىنالىق بۇ چولپاننى قويۇپ بېرىدىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

ماركا گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ئارگېنتىنالىق چولپاننى سېتىۋەتسە، مەشقاۋۇل ئانچېلوتتى كېلەر يىلى 1-ئايدا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھۇجۇمچى سېتىۋالالايدىغان بولۇپ، ھازىر ئانچېلوتتىنىڭ نىشانى بولسا لىۋېرپول كوماندىسىدىكى ئۇرۇگۋايلىق ھۇجۇمچى سۇئارېز بىلەن موناكو كوماندىسىدىكى فالكاۋ ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئەگەر خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى 47 مىليون ياۋرو ئەتراپىدا باھا چىقىرالىسا لىۋېرپول كۇلۇبى سۇئارېزنى قويۇپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى دىمارىيانى موناكوغا سېتىپ بەرگەندىن كېيىن موناكو كوماندىسى ھۇجۇمچىسى فالكاۋنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلىشى مۇمكىن، دىمارىيا بەلكىم فالكاۋنى سېتىۋالىدىغان سودىغا ئارىلىشىشىمۇ مۇمكىن. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى مەيلى سۇئارېز ياكى فالكاۋنى سېتىۋالسۇن ھەر ئىككى ھۇجۇمچى ئوخشاشلا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىكەن

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203